باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىستىل ئۆزگەرتىش، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك (1)

2014.02.10 15:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق 8–نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4–ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى

  فېڭ جىن خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4 – ئومۇمىي يىغىنى 8 – فېۋرال ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش تۈزۈلمە – مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈم كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئىستىل ئۆزگەرتىش، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

  نۇر بەكرى، شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، خەن يۇڭ، ليۇ لېي، خۇاڭ ۋېي، شەۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۈن، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، ئەركىنجان تۇراخۇن، غانىبات سابىكەي، لى شۆجۈنلەر يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سۇڭ ئەيرۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئۆتكەن بىر يىلدا چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى باشلامچىلىق بىلەن قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، قاتتىق باشقۇرۇش، چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىستىلنى ئۆزگەرتىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇش ۋە ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل›› مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، چىرىكلىشىشكە قەتئىي قارشى تۇرۇش، خىيانەتچىلىكنى قەتئىي تۈگىتىش، چىرىكلىشىش دېلولىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر