باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا فىزىكا ئولىمپىك مۇسابىقىسى

2014.02.10 15:47         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇنجى قېتىملىق خەلقئارا فىزىكا ئولىمپىك مۇسابىقىسى 1967 – يىلى پولشانىڭ پايتەختى ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا پەقەت بەشلا دۆلەت بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان، كېيىن مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان دۆلەتلەر كۆپىيىپ، <<خەلقئارا فىزىكا ئولىمپىك مۇسابىقىسى تەشكىلىي ھەيئىتى>> قۇرۇلغان.

  خەلقئارا تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئادىل ھەم مۇۋاپىق ھالدا ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش، ئىمتىھان قائىدە – بەلگىلىمىلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ، مۇسابىقىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئاخىرلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.

  خەلقئارا فىزىكا ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھەر يىلى 6 – ئاينىڭ ئاخىرى ئۆتكۈزىلىدۇ. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلار ئاساسلىقى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ ۋە ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەردىن بەشتىن ماھىر قاتنىشىدۇ. مۇسابىقە سوئاللىرىنىڭ مەزمۇنى ئاساسلىقى مېخانىكا، تېرمودىنامىكا، مالىكۇلا فىزىكىسى، ئوپتىكا، ئاتوم ۋە يادرو فىزىكىسى، ئېلېكتروماگنىتىزم قاتارلىق ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكىسى دەرسلىكىدىكى بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇسابىقە ئارقىلىق مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلارنىڭ ئىجادچانلىق ئىقتىدارى قوزغىتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكا ئوقۇتۇشىنىڭ خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇلىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، فىزىكا ئىلمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل مول ھەم ئىجابىي بولغان دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ياشلار – ئۆسمۈرلەر ئارىسىدىكى دوستلۇق ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر