باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ گاۋدې شىركىتىنى سېتىۋېلىشى يېڭى بىر نۆۋەتلىك كۆچمە ئالاقە تورى رىقابىتىنى مەيدانغا كەلتۈردى

2014.02.12 19:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: تۈنۈگۈن كەچ، ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ مىكرو بلوگىدا ئېلان ئېلان قىلىنغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەلى بابا گۇرۇھى گاۋدې شىركىتىنىڭ ھەربىر پېيىنى 21 دوللارلىق باھا بويىچە سېتىۋالماقچى بولغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق سودا ئومۇمىي سوممىسى 1 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن. سودا پۈتكەندىن كېيىن، گاۋدې شىركىتى پۈتۈنلەي ئەلى بابا شىركىتىگە تەۋە بالا شىركەتكە ئايلىنىدىكەن ھەمدە ئەلى بابا شىركىتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك سىستېمىسى ئاساسىدا تەرەققىي قىلىدىكەن.

  خەرىتە كەسپىدە مۇتلەق «غوجا» بولۇپ كېلىۋاتقان گاۋدې خەرىتىسى ئالىي دەرىجىلىك ئۆلچەش-سىزىش ئىقتىدارى ۋە ئالاقە تورى خەرىتە مۇلازىمىتى ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئاپتوموبىل ئىچىگە سەپلىنىش ئارقىلىق ئېرىشكەن يۇقىرى پايدىسىغا تايىنىپ 2010-يىلى چەت ئەلدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بازارغا سېلىنغان. كۆچمە ئالاقە تورىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كەسىپلەرنىڭ زور رىقابىتىگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، گاۋدې خەرىتىسى يەنىلا كەسىپىي ساھەسىدە باشلامچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە. (سۈي لېي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر