باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لى كېچياڭ: چىرىكلىكنى قەتئىي جازالاپ، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىسلاھاتنى تۇتقا قىلىش-مېخانىزم ئورنىتىش ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرەيلى

2014.02.12 19:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى:2-ئاينىڭ 11-كۈنى، گوۋۇيۈەن 2-قېتىملىق پاكلىق خىزمىتى يىغىنى ئاچتى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىندا سۆز قىلىپ، مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىرىكلىكنى قەتئىي جازالاپ، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھاتنى تۇتقا قىلىش-مېخانىزم ئورنىتىش ئارقىلىق پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشكۈدەك يېڭى نەتىجە يارىتىشى كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەزنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىل دېگەننى جەزمەن قىلىش، قىلما دېگەننى جەزمەن قىلماسلىق، چىرىكلىككە جەزمەن قارشى تۇرۇش، چىرىكلەشكەنلەرنى جەزمەن جازالاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  لى كېچياڭ ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يىللىق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمىتىگە قارىتا ئالتە تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى:

  1. سەككىز بەلگىلىمىنى داۋاملىق قەتئىي ئىجرا قىلىش ۋە «ھەممە ئورتاق رىئايە قىلىدىغان قائىدە ئورنىتىش».

  2. ئورگانلارنى ئىخچاملاش، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش.

  3. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش ئۇل تۈزۈمى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىش.

  4. جامائەت مەبلىغىگە قارىتىلغان باشقۇرۇش ۋە نازارەتنى چىڭىتىش.

  5. ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش.

  6. مەمۇرىي ئىنتىزامنى چىڭىتىش.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر