خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 10-فېۋرال گوۋۇيۈەندە سۆھبەت يىغىنى چاقىرىپ، «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» ھەققىدە ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى چاقىرىش ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ لايىھەسىنى تەييارلاش خىزمىتىنىڭ مۇقىم تەرتىپى، شۇنداقلا پارتىيەمىز بىلەن ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ بىر-بىرىدىن سىر ساقلىماسلىقى ۋە جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولىدىغانلىقىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى. ئوچۇق-يورۇق، كەڭ-كۇشادە سۆزلىگەيسىلەر.
يىغىنغا قاتناشقۇچىلار بىردەك مۇنداق قاراشتى، بۇلتۇر مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەت ئالدىدا، مەملىكەت بويىچە يۇقىرى-تۆۋەن بىرلىكتە تىرىشىپ، قىيىنچلىقلارنى يېڭىپ، ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىيات كۆزلىمىسىنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلگەن ئەمەس. كۆپچىلىك يەنە بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىگە بولغان كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)