باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كېرىيەدە جەمئىي 143 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىدى، قىسمەن چارۋا ماللار ئۆلدى

2014.02.13 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-فېۋرال، سائەت 17:19 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسىدە 7.3 بال يەر تەۋرىدى، 12-فېۋرال سائەت 20:00گىچە، جەمئىي 143 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىدى.

  مۇخبىرنىڭ جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، 12-فېۋرال سائەت 17:19 لاردا، كېرىيە ناھىيەسىدە جەمئىي 143 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 5-5.9 بالغىچە بولغان يەر تەۋرەش بىر قېتىم، 4 ـ 4.9 بالغىچە بولغان يەر تەۋرەش ئالتە قېتىم، 3ـ3.9 بالغىچە بولغان يەر تەۋرەش 13 قېتىم بولغان.

  سائەت 20:00دىن كېيىن خاتىرىلەنگەن 3 بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەش قېتىم سانى 3 قېتىم بولۇپ، ئايرىم ـ ئايرىم سائەت 20:12دە، 3.2 بال، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 9 مىڭ مېتىر؛ سائەت 20:26 مىنۇت ئۆتكەندە 4.2 بال، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 6 مىڭ مېتىر؛ سائەت 21:14 مىنۇت ئۆتكەندە 3.2 بال، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 9 مىڭ مېتىر بولغان.

  كېرىيە ناھىيەلىك بىخەتەر ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ما شياۋجۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كېرىيە ناھىيەسىدىكى قىسمەن ئۆيلەرنىڭ تاملىرى يېرىلغان، تالاپەت ئەھۋالى بولمىغان، بىر قىسىم چارۋا ـ ماللار ئۆلگەن. كېرىيە ناھىيەسى ئاچچان يېزىسى پىشكەي

  كەنتىدىكى قىسمەن قوتانلار ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، قىسمەن چارۋا ـ ماللار ئۆلگەن. بىخەتەر ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئۆيلىرىگە ئاساسەن تەسىر يەتمىگەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر