- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى تەشۋىقات ۋە ئىنتېرنېت ئۇچۇر خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى
2014.02.14 15:53 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
مۇخبىرنىڭ 13-فېۋرال ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ تاشقى تەشۋىقات ۋە ئىنتېرنېت ئۇچۇر خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە ، 2014-يىلى شىنجاڭدا ‹‹2014-يىل ، شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى ››، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى ، شىنجاڭدىكى بەش ئاپتونوم ئوبلاست قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى ۋە 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو — ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى قاتارلىق مۇھىم پائالىيەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ۋە ۋاقىتىنى چۆرىدەپ ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ، داۋالاش ، پەن-تېخنىكا ، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش تەلەپ قىلىنغان .
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ، ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لو فۇيوڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى غەيرەت سالىيوف يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر