باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرەيلى

2014.02.14 15:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش باھاردىكى فېۋرال ئايلىرىدا كائىنات يېڭى تۈسكە كىرگەنىدى. ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى مۇقىملىققا مەدەت بېرىش، ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەش سىگنالىنى يەنە بىر قېتىم چالدى.

  بۇ قېتىمقى يىغىندا پارتىيەنىڭ 18 – قۇرۇلتىيى، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار سۆزلىرىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 6 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ كادىرلار يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى مۇزاكىرە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ، بىزنىڭ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە.

  ھازىر، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى يېڭى مەزگىل، يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى، تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ئىنتايىن مۇرەككەپ، خىرىس ئىنتايىن كەسكىن، ۋەزىپە ئىنتايىن مۈشكۈل. بۇ، بىزنىڭ تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى قويدى. پارتىيەنىڭ 18 – قۇرۇلتىيى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى، مەملىكەتلىك تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى يىغىنى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ شىنجاڭ خىزمەتلىرى توغرىسىدىكى زور تەدبىرلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى يارىتىشتا ئەبەدىي ئەمىنلىكنى چۆرىدىگەن ھالدا تەرەققىياتنى تۇتۇپ، گۈللەنگەن، باي، ئىناق، مۇقىم، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ئاساسلىق قوشۇن ۋە باشلامچىلاردىن بولۇش كېرەك. بۇ نىشانغا يېتىشتە تەشۋىقات ئارقىلىق يول ئېچىشقا، جامائەت پىكرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىنىڭ بۇرچى يەلكىمىزدە مەسئۇلىيىتىمىز ئېغىر.

  جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى يارىتىش ئۈچۈن كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈشتە جەزمەن ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەيدانىمىز مۇستەھكەم بولۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمەتچىلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇستەھكەم ئېتىقاد ۋە مەيدان بولۇش تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى ئەڭ مۇھىم سالاھىيەت، شۇنداقلا بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى پارتىيەنىڭ ئىنتايىن مۇھىم خىزمىتى بولۇپ، سىياسىيۋىلىكى، سىياسەتچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك. بىز شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۇرۇپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، توغرا ئىگىلىشىمىز كېرەك. يەلكىمىزدىكى مەسئۇلىيەت، دۇچ كەلگەن خىرىسنى ئېنىق تونۇپ يەتكەندىلا، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى مەركەز، ئاپتونوم رايوننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە ۋە تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنىڭ ئاڭلىقلىقى، قەتئىيلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتكىلى، روھىنى ئۆزلەشتۇرۇپ، ئەمەلىي ماھىيىتىنى ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرغىلى بولىدۇ.

  جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى يارىتىش ئۈچۈن كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈشتە ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشىمىز كېرەك. ھازىرقى شىنجاڭدا تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىتى، ئوبيېكتى، دائىرىسى ۋە شەكلىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭى مەسىلىلەر ۋە يېڭى خىرىسلار پەيدا بولدى. يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن يېڭىلىق يارىتىشقا، يېڭى مەسىلىلەرنى يېڭى ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەل قىلىشقا، يېڭى تەسەۋۋۇر ئارقىلىق يېڭى ئۈنۈم يارىتىشقا، يېڭى ئەندىزە ئارقىلىق يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تېخىمۇ موھتاج.

  تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى خىرىس، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، بىز كونا ئىدىيە ۋە ئادەتتىكى تەپەككۇر چەكلىمىسىدىن دادىل بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئەلرايىنى تولۇق ئىگىلەش ئاساسىدا، خىزمەتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ چىقىپ، ۋەزىيەتكە بېقىپ تەدبىر تۈزۈشىمىز، ۋەزىيەتكە بېقىپ ھەرىكەت قىلىشىمىز ۋە ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىش كۆرۈشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى يارىتىش ئۈچۈن كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈشتە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، بۇرچىمىزنى ئادا قىلىشىمىزكېرەك. شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسى ئىزچىل ئىس – تۈتەكسىز جەڭ مەيدانى بولۇپ كەلدى. تارىخ ۋە رېئاللىق بىزگە شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، زور خىرىس ۋە قىيىنچىلىققا قانچە تاقابىل تۇرغانسېرى، جامائەت پىكرى ئېكولوگىيەسى قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىش ئېڭىمىزنى شۇنچە كۈچەيتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، سىياسىي مەسئۇلىيىتىمىزنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، مەسئۇل بولۇشقا جۈرئەت قىلىشىمىز، جامائەت پىكرىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى، يېتەكچىلىك ھوقۇقى، سۆز ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىش روھى بىلەن، تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى ساھەسىدىكى بارلىق جىددىي ۋە قىيىن ئىشلارنى پائال، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، جەمئىيەتتىكى مۈجمەل تونۇشنى ۋاقتىدا ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىجابىي تەشۋىقات ئارقىلىق كىشىلەرگە ئىلھام بېرىش، كىشىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  ھازىر شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىدىكى قىزغىن ۋەزىيەت تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىگە تېخىمۇ چوڭ سەھنە ھازىرلاپ بەردى. مەسئۇلىيىتىمىز تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر، بۇرچىمىز چەكسىز ھەم شەرەپلىك. تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى سېپىدىكىلەر ئاممىنى روھنى ئۇرغۇتۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر