2-ئاينىڭ 7-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە رۇسىيە تېلېۋىزىيەسىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لەن خۇڭگۇاڭ فوتوسى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 7-چېسلا دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە رۇسىيە تېلېۋىزىيە مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى، جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە رىياسەتچى برىلوفنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. جاۋاب-سوئاللارنىڭ ھەممىسى تۆۋەندىكىدە:
برىلوف: سوچىنىڭ سىزگە بەرگەن تەسىرى قانداق؟ رۇسىيە تەرەپ تەشكىللىگەن خىزمەتلەرگە بولغان باھايىڭىز قانداق؟ جۇڭگو ئولىمپىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىكى ئىپادىسىگە نىسبەتەن قانداق ئۈمىدلەرنى كۈتىسىز؟
شى جىنپىڭ" رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن سوچىغا كېلىپ، 22-نۆۋەتلىك قىشلىق ئو ت م نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن. مېنىڭ ئالاھىدە كېلىشىم جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ رۇسىيە ئۆتكۈزگەن سوچى قىشلىق ئو ت م غا بولغا قوللىشىنى ئىپادىلەيدۇ. ئالدى بىلەن رۇسىيە خەلقىگە سەمىمىي سالىمىمنى يەتكۈزگەيسىز.
سوچىغا تۇنجى كېلىشىم بولسىمۇ، سوچى ھەققىدە كۆپ ئاڭلىغانمەن. ياش چاغلىرىمدا «پولات قانداق تاۋلاندى»نى كۆپ ئوقۇغان، ئوستىروۋىسكى بۇ رومانىنى سوچىدا يېزىپ تاماملىغان. رىۋايەتلەردە پىرومىتىئۇسنىڭ سوچىدىكى تاغقا بەنت قىلىنغانلىقى سۆزلىنىدۇ، سوچىدا رىم ئىمپىرىيەسى ۋە ۋىزانتىيە ئىمپىرىيەسىگە ئائىت يادىكارلىقلار بار، بۇ سوچىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە مەدەنىيەتلىك شەھەر ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
سوچىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ئالاھىدە بولۇپ، ئۇ دۇنيانىڭ ئەڭ شىمالىغا جايلاشقان سۇبتىروپىك بەلباغ كىلىماتىغا ئىگە ئاسىيا شەھىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىم سوچىغا كېلىپ، كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمنىڭ راستلىقىنى، نامى بىكارغا تارالمىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بۇ شەھەر يىلبويى ياشىرىپ تۇرىدىكەن، ئاسمىنىمۇ، دېڭىزلىرىمۇ كۆپكۆك ئىكەن، تەبىئىي تاغلىق قار تېيىلىش مەيدانلىرى بار ئىكەن. سوچى خەلقى قىزغىن ۋە مېھماندوست ئىكەن. سوچىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەلپكارلىقى قىشلىق ئو ت م ئۆتكۈزۈشكە تولىمۇ ماس كېلىدىكەن. ئو ت م دىن كېيىن، سوچىنىڭ شۆھرىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ.
سوچى قىشلىق ئو ت م ناھايىتى ياخشى تەشكىللىنىپتۇ. زۇڭتۇڭ پۇتىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەييارلىق خىزمىتىنى ئۆزى تۇتۇپتۇ، رۇسىيە خەلقى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپتۇ. ئىشىنىمەنكى، سوچى قىشلىق ئو ت م چوقۇم ئۇنتۇلغۇسىز ۋە كاتتا خەلقئارا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولۇپ قالىدۇ، ئولىمپىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.
مېنىڭ ئۈچ ئارزۇيۇم بار: بىرى، بۈگۈنكى ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ رەڭدار ۋە سەرخىل ئۆتكۈزۈلۈشىنى تىلەيمەن، يەنە بىرى، ھەر قايسى دۆلەت تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ ياخشى نەتىجە قازىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۈچىنچىسى، سوچىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا، تېخىمۇ گۈزەللىشىشىگە، جۇڭگو شەھەرلىرى بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە تىلەكداشمەن.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى