خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالجىرىيەدە ھەربىيلەر ۋە ھەربىيلەر ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئولتۇرغان بىر ھەربىي ترانسپورت ئايروپىلان 11-فېۋرال چۈشۈپ كېتىپ، 77 ئادەم قازا قىلدى. بۇ ئالجىرىيەدە 10 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر بولغان ئايروپىلان ۋەقەسى بولدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر