باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ مەدىنە شەھىرىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ 140تىن ئارتۇق ھەج قىلغۇچى تالاپەتكە ئۇچرىدى

2014.02.10 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-فېۋرال سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ ئىككىنچى چوڭ مۇقەددەس شەھىرى مەدىنىدىكى بىر مېھمانسارايدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، مېھمانخانىدا تۇرۇۋاتقان، ئوخشىمىغان دۆلەتتىن كەلگەن 12 ئادەم قازا قىلغان، 130دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.

  ئوت ئاپىتى شۇ يەر ۋاقتى 8-فېۋرال چۈشتىن كىيىن سائەت 2:33 ئۆتكەندە، مەدىنە شەھىرىنىڭ شەرقىي رايونىدىكى بىر مېھمانسارايدا يۈز بەرگەن. بۇ مېھمانسارايدا تۇرۇۋاتقان ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن 700دىن ئارتۇق مېھمان بار بولۇپ، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىك مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى دەرھال 18 ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى ئەۋەتىپ نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان. ئوت ئۆچۈرۈلگەندىن كىيىن، سەھىيە تارماقلىرى 14 جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ۋە سەككىز داۋالاش كىچىك گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ يارىدارلارنى جىددىي قۇتقۇزغان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر