باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ قەشقەر ۋە خوتەن تۆمۈر يولىنىڭ خوتەندىن قارىقاشقىچە بولغان ئارىلىقى ۋاقتىنچە قامال قىلىنغاندىن كېيىن ئېچىۋېتىلدى

2014.02.13 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسى تورىنىڭ ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، 12-فېۋرال سائەت 17:19 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىدە 7.3 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەركىزى شىمالىي كەڭلىك 36.1 گىرادوس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 85.5 گىرادوس بولۇپ، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 12 مىڭ مېتىر.

  يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭ خوتەن پويىز ۋوگزالىدا تەۋرەش سىزىمى كۈچلۈك بولغان. يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى دەرھال جىددىي لايىھەنى يولغا قويۇپ، قەشقەر ۋە خوتەن تۆمۈر يولىنىڭ خوتەن بېكىتىدىن قارىقاش بېكىتىگىچە بولغان ئارىلىقىنى ۋاقتىنچە قامال قىلغان، ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە يولغا چىققان 5827-قېتىملىق نۆۋەتلىك پويىز قارىقاش بېكىتىدە ۋاقىتلىق توختىتىلغان.

  تۆمۈر يول خادىملىرى قامال قىلىنغان لىنىيە، كۆۋرۈك ــ تونېل،سېگنال ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارنى ئىنچىكە تەكشۈرگەن. تۈرلۈك ئەسلىھەلەرنىڭ يۈرۈش شارائىتىغا ياخشى ماس كېلىدىغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەندىن كېيىن سائەت 18:52 مىنۇت ئۆتكەندە، قامال قىلىنغان لىنىيەلەردە قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر