باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇنەن شياڭيىندىكى ساقچىلار بىر ئۆيدىكى 4 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇش ئۈچۈن 50 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2014.02.12 19:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 8-فېۋرال، خۇنەن شياڭيىن ناھىيەسى سەنتاڭ بازىرى ۋۇگۇڭ كەنتىدە بىر ئۆيدىكى 4 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن، نۆۋەتتە، شۇ جايدىكى ساقچىلار شياڭيىن ناھىيەسى سەنتاڭ بازىرى ۋۇگۇڭ كەنتىدىكى جۇڭ يى ئىسىملىك 25 ياشلىق ئەرنى دەسلەپكى قەدەمدە جىنايەت گۇماندارى دەپ جەزملەشتۈرگەن. خۇنەن ئۆلكىلىك، يۆياڭ شەھەرلىك، شياڭيىن ناھىيەلىك ئۈچ دەرىجىلىك ج خ ئىدارىسى پۈتۈن كۈچى بىلەن قاتىلنى ئىزدەشكە ئاتلانغان، 10-فېۋرال چۈشتىن كېيىن، شياڭيىن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى مىكرو بلوگىدا مۇكاپات پۇلى توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ، مۇھىم يىپ ئۇچ بىلەنى تەمىنلىگەن ياكى جىنايەت گۇماندارىنى بىۋاسىتە تۇتۇپ بەرگەنلەرگە 50 مىڭ يۈەن بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

  بۇندىن ئىلگىرى ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى جۇ X (50 ياش) ۋە ئۇنىڭ ئايالى چېن X (48 ياش)، قىزى (24 ياش)، ئوغلى (22 ياش)نى باشقىلار ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ساقچىلار تەكشۈرۈش ۋە سەييارە ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق ، دېلو سادىر قىلغۇچى جۇ X نىڭ كۈيئوغۇلى جۇڭ يى بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلغان. (مۇخبىر تاڭ شۇچۈەن، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر