باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟

2014.02.13 22:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «جۇڭگو يېمەكلىك ۋە ئوزۇقلۇق تەرەققىيات پىروگراممىىسى (2014-2020)» يېقىندا رەسمىي ئېلان قىلىندى، يېڭى دەۋردە نېمىشقا بۇ خىل پىروگرامما تۈزۈپ چىقىلىدۇ؟ ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق ساغلاملىق ئەھۋالى قانداق؟ قانداق قىلغاندا «ياخشى ئوزۇقلىنىش»، «ساغلام ئوزۇقلىنىش»قا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟ مۇخبىر بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلدى.

  ئوزۇقلۇق ئىستېمالنى، ئىستېمال ئىشلەپچىقىرىشنى يېتەكلەيدۇ

  يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى تەرەققىيات پىلان مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ خۈي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ يېمەكلىك ئىستېمالى ۋە ئوزۇقلۇق سەۋىيەسىدە ئۈچ خىل ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى: بىرىنچى، يېمەكلىك ئىستېمالىنىڭ شەكلى بارا-بارا «تويۇپ يېيىش، ياخشى يېيىش»تىن «ئوزۇقلۇقنى، ساغلاملىقنى ئاساس قىلىپ يېيىش»كە ئۆزگەردى؛ ئىككىنچى، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش نىشانى نوقۇل ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى قوغلىشىشتىن بارا-بارا يۇقىرى تېخنىكىلىق، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئېكولوگىيەلىك، بىخەتەر بولۇشقا يۈزلەندى؛ ئۈچىنچى، يېمەكلىك تەرەققىيات ئۇسۇلى «نېمە ئىشلەپچىقارسا شۇنى يېيىش»تىن بارا-بارا «نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا شۇنى ئىشلەپچىقىرىش»قا قاراپ يۈزلەندى.

  شۇڭا، «پىروگرامما»دا بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر تولۇق نەزەرگە ئېلىنىپ، تەرەققىيات ئىدىيەسى جەھەتتە ئىشلەپچىقىرىش، ئىستېمال، ئوزۇقلۇق، ساغلاملىق قاتارلىقلارنىڭ ماس تەرەققىي قىلىشى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلدى. «پىروگرامما»دا ئوزۇقلۇق ئارقىلىق ئىستېمالنى، ئىستېمال ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يېتەكلەشتىن ئىبارەت يېڭىچە مۇناسىۋەت بەرپا قىلىپ، «ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭكەش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئىستېمالنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش»، «زامانىۋى ئوزۇقلۇق ئىدىيەسى ئارقىلىق يېمەكلىكنىڭ مۇۋاپىق ئىستېمالىغا يېتەكچىلىك قىلىش، ئوزۇقلۇق ئېھتىياجى ئۈچۈن يېتەكچىلىك رول ئوينايدىغان زامانىۋى يېمەكلىك كەسپىي سىستېمىسىنى قەدەممۇ-قەدەم بەرپا قىلىش» لازىملىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈندى. (فىڭ خۇا خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر