خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
ئىختىيارىي مۇخبرىمىزجەمىلە تۇرسۇن، غەيرەت جاسارەت خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا كەلپىن ناھىيەسىنىڭ يۇرچى يېزىسى ئۈستۈن قۇمئېرىق كەنتىدىكى 7 ئائىللىك 40 تىن ئارتۇق دېھقان-چارۋىچى شام يېقىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشتىن قۇتۇلۇپ، توك بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىپ، شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش توك ئىشلىتەلەيدىغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن كەلپىن ناھىيەسىنىڭ ھەممە يېزا كەنتىدە ئومۇميۈزلۈك توك بولۇش ئىشقا ئاشتى.
مەنبە: خەلق تورى