باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باھاردىكى ياخشى باشلىنىش، پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش

‹‹ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كۈچنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇجەسسەملەش›› يۈرۈشلۈك پائالىيىتى توغرىسىدا (1)

2014.02.10 15:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  

  چاغانلىق دەم ئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى تۇنجى خىزمەت كۈنىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىن ئېچىپ، دەرھال زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ‹‹ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كۈچنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇجەسسەملەش›› يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. ئاپتونوم رايون 9 – فېۋرال ‹‹دەۋرى قىسقا، مۇقىم، مەبلەغنىڭ قايتىشى تېز›› تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، يۈرۈشلۈك پائالىيەتنى رەسمىي باشلىدى.

  بۇ قېتىمقى يۈرۈشلۈك پائالىيەت ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 6 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەنگەنلىكىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ رايون ئەھۋالىنى مەۋقە قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇپ گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ چېگرانى مۇستەھكەملەشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، ئۇنىڭدا تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، بۇ يىلقى خىزمەتلەرنى بالدۇر پىلانلاپ، بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ، بالدۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.

  ‹‹ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كۈچنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇجەسسەملەش›› يۈرۈشلۈك پائالىيىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىلمىي يېڭىلىق يارىتىش خىزمەت ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈملۈك داۋاملىشىشى. 2011 – يىلىدىكى ‹‹ناشتىلىق يىغىن››، 2012 – يىلىدىكى ‹‹ئۈچ باش تېما بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش ھەپتىلىكى››، 2013 – يىلىدىكى ‹‹باھاردىكى ياخشى باشلىنىش، ئەمەلىي ئىشلەپ ئەمەلىيلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش›› قاتارلىق پائالىيەتلەر تۈرلۈك نىشان، ۋەزىپىلەرگە نىسبەتەن كۈچلۈك ھەيدەكچىلىك قىلىش، يۇقىرى ئۈنۈمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق شۇ يىللىق خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئويناپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، باشتىن – ئاخىر بوشاشمىغاندىلا، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتەك روھىي ھالەت، ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك خىزمەت ئىستىلىنى ساقلىغىلى؛ ئەمەلىيەت جەريانىدا قانۇنىيەتنى تېپىپ چىقىپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر بولغاندىلا، خىزمەتتە ئالدىن كۆرەرلىك، تەشەببۇسكارلىق، ئىلمىيلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەردە تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ياخشى يېڭى ۋەزىيەت ياراتقىلى بولىدۇ.

  بۇ يىللىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتتە بىر تۇتاش پىلانلاش، ‹‹ئىككىدە سىجىل بولۇش›› تا چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ تەرەققىيات مەقسىتى تەكىتلىنىپ، كەڭ دائىرىدە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىنىپ، كونكرېت تەدبىر تۈزۈپ چىقىلىپ، تېخىمۇ پۇختىلاشقا كۈچ چىقىرىلىپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى ۋە ئۇنىڭدا ھالقىش ھاسىل قىلىندى، بۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان چاغانلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر داۋامىدا سېلىنغان پۇختا ئاساس. بۇ ئۆستۈرۈش ۋە ھالقىش ھەممە جەھەتتىن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ھەممە تۈرلەر ئاممىنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا بويسۇندۇرۇلىدۇ.

  بۇ يىل باشلىنىدىغان يۈرۈشلۈك پائالىيەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېتەكچى قىلىنغان ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹دەۋرى قىسقا، مۇقىم، مەبلەغنىڭ قايتىشى تېز›› تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان، بەلگىلىك ئاساسقا ئىگە، ئازراقلا يۆلىسە كۆپلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدىغان ‹‹دەۋرى قىسقا، مۇقىم، مەبلەغنىڭ قايتىشى تېز›› تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىش نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئالاقىدار كەسىپ تەرەققىياتى پائال ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، شۇ جاينىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. بۇ تۈرلەرنىڭ كونكرېت قاراتمىلىقى ۋە مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈكرەك، سېلىنما ئاز، تېز ئۈنۈم بېرىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدۇ، پۇقرالار كۆرەلەيدىغان، ھېس قىلالايدىغان، نەپكە ئېرىشەلەيدىغان ياخشى ئىش، بۇ ‹‹خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئەڭ چوڭ سىياسەت، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ زور خەلق تۇرمۇشى›› بولۇشنىڭ ئەڭ تۈپ تەرەققىيات تەلىپى.

  ‹‹ئاۋۋال قول سالغان يېڭەر›› دېگەن گەپ بار، ياخشى باشلاش، بالدۇر باشلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنىڭ بۇ يىللىق ئومۇمىي خىزمەتلەردىكى ئەھمىيىتى زور. 2014 – يىلى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ دەسلەپكى يىلى، شۇنداقلا ئۈچ چوڭ تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشىمىزدىكى ھالقىلىق بىر يىل بولۇپ، خىزمەتتىكى تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھىمىز ۋە ئېگىلمەس – سۇنماس كۈچلۈك ئىرادىمىز بىلەن يەنىمۇ گۈللەنگەن، باي، ئىناق، مۇقىم، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش يولىغا باشلايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر