باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇشتىكى ئەمەلىي نەتىجىلەر بىلەن ئىلگىرى سۈرەيلى

‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› ئوبزورچىسى

2014.02.10 15:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەمدىلا يېپىلغان ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4 – ئومۇمىي يىغىنىدا بۇلتۇرقى ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش خىزمىتى ئەستايىدىل يەكۈنلىنىپ، 2014 – يىللىق خىزمەت ۋەزىپىسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى مەركىزىي كومىتېت، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ۋەزىيەتنى ھۆكۈم قىلىشى ۋە ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇشتىكى ئەمەلىي نەتىجىلەر بىلەن خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشىمىز كېرەك.

  پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىشقا توغرا كېلىدۇ. جايلار، تارماقلار، ئورۇنلاردىكى پارتكوم (پارتگۇرۇپپىسى) جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇشى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي خىزمەتلىرىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تولۇق تونۇپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنى توغرا ئىگىلەپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ سۇبيېكتىپلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە ئېڭى، ئومۇمىيەت ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.

  پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار (پارتگۇرۇپپىسى)نىڭ سۇبيېكتىپلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ھازىر، بەزى پارتكوملار (پارتگۇرۇپپىسى)نىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ سۇبيېكتىپلىق مەسئۇلىيىتى ۋە زىممىسىگە ئېلىش ئېڭى كۈچلۈك بولماسلىق؛ بەزى پارتگۇرۇپپىسى چېچىلاڭغۇ بولۇش، ئىنتىزامى بوشىشىپ كېتىش؛ بەزى جايلار، تارماقلار ۋە ساھەلەرنىڭ چىرىكلىشىش مەسىلىسى يەنىلا كۆپ يۈزبېرىشتەك گەۋدىلىك مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، جەزمەن ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، بۇنى ھەل قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار (پارتگۇرۇپپىسى)نىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇپ، ‹‹پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى تۇتماسلىق ۋەزىپىسىنى ئېغىر دەرىجىدە ئادا قىلمىغانلىق›› دېگەن ئاڭنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى دائىم مۇزاكىرە قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە كونكرېت تۇتۇپ، ‹‹مەسئۇلىيەت ئېتىزى››نى ياخشى پەرۋىش قىلىشى كېرەك. رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

  پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى (ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى) پارتكوم (پارتگۇرۇپپىسى)غا ھەمكارلىشىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى خىزمىتى يىرىك پىلانىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، تاقەت قىلماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي جازالىشى كېرەك. ئېغىر دەرىجىدىكى چىرىكلىشىش دېلولىرى ۋە ناتوغرا ئىستىللار ئۇزاقتىن بۇيان يامراپ كېلىۋاتقان جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلاردا ‹‹بىر دېلودا ئىككىنى سۈرۈشتۈرۈش››نى، يەنى ئالاقىدار تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ھەم ئالاقىدار رەھبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى يولغا قويۇشى كېرەك. پارتكوم (پارتگۇرۇپپىسى)غا ھەمكارلىشىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇشى يېتەرلىك بولمىغان، قانۇن ۋە ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش دېلولىرى يۈزبەرگەن جايلار، تارماقلار ۋە دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلاردا ئالاقىدار ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى (ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى) نىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك.

  پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتە پارتىيە ئىنتىزامىنى يەنىمۇ چىڭىتىشقا توغرا كېلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار(پارتگۇرۇپپىسى) پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى سىياسىي ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى(ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى) پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىدىيە، سىياسىي، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش قاتارلىق چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم، پوزىتسىيەسى كەسكىن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ تەشكىلىي ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى، پارتىيە ئىچىدىكى تەشكىلىي تۇرمۇش تۈزۈمى، يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمى قاتارلىقلارنى چىڭىتىشى كېرەك. مالىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى، پۇقرالارغا نەپ يەتكۈزۈش مەبلىغى قاتارلىقلارنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم ساھە، مۇھىم تۈر، مۇھىم مەبلەغنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىپ نازارەت قىلىش، خىيانەتچىلىك قىلىش، مەبلەغنى يۆتكەپ ئىشلىتىش، تۇتۇپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ يۈزبېرىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

  پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئۇزاققىچە ياخشى تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى، ‹‹پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تېجەشچان بولۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش نىزامى›› ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسى قاتارلىقلارنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىشلارنى كونكرېت مەسىلىنى تۇتۇشتىن باشلاپ، ئامما ئارىسىدا يۈزبەرگەن، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى يىل، قۇربان ھېيت، چاغان قاتارلىق ھالقىلىق پەيتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرۈش، مەخسۇس تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزامغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، بۇ تۈردىكى ئىشلارنى ھەقىقىي ئىسمى بىلەن ئاشكارىلاپ ۋە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي چەكلەش كېرەك.

  بىز ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە يولداش جاڭ چۈنشيەننىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزگەرتىپ، ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قوغلىشىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشايلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر