باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئوتتۇرا، باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوغداشتا يەنە نۇرغۇن تەدبىر قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ

2014.02.07 08:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى 26-يانۋار ئېلان قىلغان «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسىپ ئەخلاقىغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى»گە ئاساسەن، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىش ياكى جىنسىي پاراكەندىچىلىك قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىماسلىق، ئوقۇغۇچىلارغا ئادىل، ھەققانىي مۇئامىلە قىلماسلىق، ئالدامچىلىق، ساختىپەزلىك قىلمىشى بار بولۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن پۇل تەلەپ قىلىش، ئوقۇغۇچىلارغا تەكرار ماتېرىياللىرىنى مەجبۇرىي زاكاز قىلدۇرۇش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلسا، يېنىك بولغاندا ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئىشتىن قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاقىدار چارە تۈزۈپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى قىزىل سىزىقىنىڭ 13 تۈرلۈك چەكلەش بۇيرۇقىنى چىقاردى، بۇ ناھايىتى كۈچلۈك قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، ھەم جامائەتچىلىك ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كەلگەن ھەم جەمئىيەتتىكى ئامما ئۈمىد قىلىپ كەلگەن ئىش ئىدى، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالىتىدىكى بىر مۇھىم ئىستىھكام بولدى. بۇنداق بەلگىلىمىنى بىز قوش قوللاپ قۇۋۋەتلەيمىز.

  بىراق چارە چىقىرىلغاندىن كېيىن، بىر قىسىم تورداشلارنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى، ئۇلار ئوقۇغۇچىلارغا ئېغىر تەن جازاسى بېرىش، ئوقۇغۇچىلارنى پاراكەندە قىلىش، ھەتتا ئوقۇغۇچىلار بىلەن نورمالسىز مۇناسىۋەتتە بولۇش قىلمىشى قانۇنغا خىلاپ جىنايەت شەكىللەندۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى قىزىل سىزىقىغا خىلاپ بولىدىغان تۇرسا، ئىشتىن بوشىتىش بىلەنلا بولدى قىلسا قانداق بولىدۇ دېيىشتى.

  ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا، نوقۇل ھالدا بۇ چارىگە تايىنىپ، بالىلارنى جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچراشتىن قوغداشنى ئۈمىد قىلىشنىڭ رولى چەكلىك بولۇشى مۇمكىن. پەقەت بۇ چارىگە تايىنىپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى قىزىل سىزىقىنى ساقلاش، بالىلىرىمىزنى قوغداش يەنىلا تولۇق كۇپايە قىلمايدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ چارە پەقەت بىر تومتاق ھەر تەرەپلىمە چەكلەش بۇيرۇقىلا خالاس، ئەگەر تېخىمۇ تەپسىلىي ۋە تېخىمۇ مەجبۇرىي خاراكتېرلىك يۈرۈشلۈك تەدبىر بولمىسا، بالىلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش يەنىلا ناھايىتى تەس.

  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جىنسىي پاراكەندىچىلىكى، ھەتتا جىنسىي دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈشىنى ئەلۋەتتە ئىشتىن بوشىتىش بىلەن بولدى قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ-مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ چارىسىگە باشقا قاتلامدىكى ماسلىشىش، قوللاشنى بىرلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئالاقىدار تەرەپلەر ئەخلاق ئۆلچىمىدىن چىقىش قىلىپ، قائىدە قاتلىمىدىن چارىدە چەكلەنگەن ئەخلاق قىلمىشلىرى ھەققىدە ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىشى؛ چەكلەش بۇيرۇقىنى نىزام، ھەتتا قانۇن قاتلىمىغا كۆتۈرۈپ، ئالاقىدار تارماقلار، مەكتەپلەر، ئوقۇتقۇچىلار قاتارلىق ھەر قايسى جەھەتلەردىكى قانۇنىي مەسئۇلىيەت ۋە جازالاش تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك. مەجبۇرىي بەلگىلىمە بولغاندىلا، ئاندىن ئالاقىدار تەدبىرلەرنى كۈچكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

  بۇندىن باشقا، بالىلارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك قىلىشنى تۈگىتىشتە، كۆپ تەرەپتىن تۇتۇش قىلىپ، كۆپ تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىش لازىم. بۇرۇنقى تىراگېدىيەلەر ئەڭ قاتتىق قانۇندىمۇ بەزى يوچۇقلارنىڭ بولىدىغانلىقى، ئەڭ مۇكەممەل مائارىپتىمۇ ھەممە تەرەپكە تەڭ ئېتىبار بەرگىلى بولمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. پەقەت ھەر قايسى كەسىپلەر ئۆز مەسئۇلىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، ئىنچىكە تەرەپلەردىن تۇتۇش قىلىپ، بالىلارنى ئەتراپلىق قوغدىغاندىلا، ئاندىن تۈرلۈك چارە، چەكلەش بۇيرۇقلىرى، قانۇن قاتارلىقلارنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بىخەتەر بىر مۇداپىئە قورغىنى بەرپا قىلىپ بەرگىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر