باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كەلپىن ناھىيەسى «تۆت خىل ئىستىل» غا قارشى تۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جۆرىلىرىگە پاكلىق ياردەمچىسى بولۇشنى دائىم ئەسكەرتتى

2014.02.10 18:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جەمىلە تۇرسۇن، غەيرەت جاسارەت خەۋەر قىلىدۇ: بۇيىل كىرگەندىن بۇيان كەلپىن ناھىيەسى ئاممىۋى لۇشىيەن تەلىم-تەربىيە پائالىيتى خىزمىتىنى مۇھىمىنىڭ مۇھىمى قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى 70 تىن ئارتۇق رەھبىرى كادىرنىڭ جۆرىلىرىگە ئائىلىدە پاكلىق ياردەمچىسى بولۇش توغرىسىدا ئىككى قېتىم سۆھبەت يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆز جۆرىلىرىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا پاك بولۇپ، مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسى، ئاپتۇنۇم رايۇن، ۋىلايەتنىڭ 10 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، مەركەز بىلەن بولغان بىردەكلىكنى ساقلاپ، تەماخورلۇقتىن يىراق تۇرۇپ، قانۇن ئىنتىزامغا بويسۇنۇپ، تۆت خىل خائىشقا، بولۇپمۇ مۇدا قوغلىشىش، راھەتپەرەسلىك، ئىسراپخورلۇققا قارشى تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا پاك بۇلۇشنى ئەسكەرتىپ، ئۇلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى. مۇخبىرنىڭ كەلپىن ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتىدىن ئىگىلىشىچە، كەلپىن ناھىيەسىدە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان قۇبۇل قىلىنغان ئەرىز شىكايەت 11 پارچە بولۇپ، تەكشۈرۈپ دىلو تۇرغۇزۇلغىنى 7 پارچە، بۇنىڭ ئىچىدە رايۇن دەرىجىلىك كادىر بىر نەپەر، پارتىيلىك دۆلەت خىزمەتچىسى بىر نەپەر، كەنىت كادىرى ۋە باشقا پارتىيە ئەزالىرى 7نەپەر بولۇپ،جەمئىي 9 ئادەمگە چېتىلىدىكەن.

  خەلق تورى تەھرىر ئىلاۋىسى: رەھبىرىي كادىرلارنىڭ چىرىكلىشىشىدە، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆزىدىكى ئىدىيىۋىي ئاڭنىڭ سۇسلۇقىدىن باشقا يەنە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىت، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىمۇ ناھايىتى مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پاك-ئىنتىزامچانلىقىنى ساقلاشتا، يالغۇز كادىرلارغىلا تەشۋىق-تەربىيە بېرىپلا قالماستىن، يەنە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغىمۇ مۇۋاپىق دەرىجىدە تەشۋىق-تەربىيە بېرىش زۆرۈر.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر