باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز مالىيەسى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا داۋاملىق تولۇقلىما بېرىدۇ

2014.02.10 23:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12 رايون 2-تۈركۈمدىكى ئومۇملاشتۇرۇش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق مىنىستىرلىق-كومىتېتلار يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2014-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئېلېكتىرىك يولۇچى ئاپتوبوبىلى، توكقا چېتىلىدىغان ئارىلاش ئېنېرگىيەلىك يولۇچى ئاپتوموبىلى، ئېلېكتىرىك مەخسۇس ئاپتوموبىل، يېقىلغۇ باتارىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىقلارغا بېرىلىدىغان تولۇقلىما ئۆلچىمىنى مۇنداق تەڭشىدى: 2013-يىلىدىكى ئۆلچەم ئاساسىدا 2014-يىلى %5، 2015-يىلى %10 تۆۋەنلىتىلىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشقا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان تولۇقلىما بېرىپ كېڭەيتىش سىياسىتى 2015-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگە قەدەر ئىجرا قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە تېجەش-بۇلغىما ئازايتىش، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق، شېنياڭ، چاڭچۈن، خاربىن قاتارلىق 12 شەھەر ۋە رايون 2-تۈركۈمدىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئومۇملاشتۇرۇلىدىغان رايونلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

  2014-يىلى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق چەك تارتىپ ماشىنا سېتىۋېلىشتا 1701 ئادەم يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلدى، بۇ كۆرسەتكۈچتىن ئېشىپ كەتتى.

  لى لىخۈي، ۋېي ۋېي خەۋىرى

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر