باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن تېببىي ئىسلاھات ئىشخانىسى: 6-ئايدىن ئىلگىرى ھەرقايسى ئۆلكىلەردە ئېغىر كېسەللىكلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىنىقى باشلىنىدۇ

2014.02.10 23:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۆھبەتلەشكۈچىلەر: نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتى سەھىيە ئىقتىسادشۇناسلىقى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جۇ مىڭلەي، دۇنيا بانكىسىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك سەھىيە-ئىقتىساد مۇتەخەسسىسى جاڭ شو، ئۆز مۇخبىرىمىز لى خۇڭمېي، ئۆز تەھرىرىمىز شاڭ ياڭ

  8-فېۋرال، گوۋۇيۈەن تېببىي ئىسلاھات ئىشخانىسى «شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئېغىر كېسەللىكلەر سۇغۇرتىسى خىزمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، سىناق خىزمىتىنى قانات يايدۇرمىغان ئۆلكىلەردىن 2014-يىلى 6-ئايدىن بۇرۇن سىناق خىزمىتىنى باشلاشنى تەلەپ قىلدى.

  نۆۋەتتە، 27 ئۆلكە يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، 130 نەچچە شەھەر سىناق خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

  تەھرىر: بەزى جايلار داۋالىنىشقا كەتكەن زور سوممىلىق چىقىم بويىچە ئاتچوت قىلماقتا، بەزى جايلار ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ تۈرى بويىچە ئاتچوت قىلماقتا. بۇ ئىككى خىل ئاتچوت ئۇسۇلىنىڭ پەرقى نېمە؟ جايلارنىڭ ئاتچوت ئۆلچىمى %50كە يېتەمدۇ-يەتمەمدۇ؟

  جۇ مىڭلەي: باشقۇرۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، كېسەللىك تۈرى بويىچە ئاتچوت قىلىش نىسبەتەن ئىلمىي ھېسابلىنىدۇ، ئاتچوت كاتالوگى بىرقەدەر ئېنىق بولغانلىقتىن، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ تۆلەم خېيىم-خەتىرىنى بىرقەدەر ياخشى كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ.

  «ئۇقتۇرۇش»تا، داۋالىنىش خىراجىتى دائىرىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قاتلاملارنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، مەبلەغ توپلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرگە قارىتىلغان تەتقىقات سالمىقىنى كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ئۈچ تۈرلۈك زور مەسىلىنى تەتقىق قىلىش ئىنتايىن زۆرۈر، خىراجەت دائىرىسىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا قارىتا يېتەكچى دائىرە بەلگىلەنسە، سۇغۇرتىلانغۇچى ئائىلىلەرنىڭ داۋالىنىش خىراجەت يۈكىنى تېخىمۇ تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر