ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇساجان ياسىن خەۋىرى، فوتوسى: قاغىلىق ناھىيەسى يېزا-بازارلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتكەنلىكى ئۈچۈن، بۇ ناھىيەدە قول ھۈنەرۋەنچىلىكى بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشقان ياماقچىلار تېز كۆپىيىپ، بۇ يىل 9-فېۋرالغىچە 600 گە يەتتى. ئۇلار دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئاياغ ياماش، مايلامچىلىق كەسپىي بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئايلىق كىرىمىنى 2500 يۈەندىن ئاشۇردى.
سۈرەتتە: ناھىيەلىك يېڭى ئەسىر سودا بازىرىدا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ياماقچىلار