باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

يەكەن ناھىيەسىدىكى ھەرمىللەت ئاممىسى ھەپتە ئاخىرىدىكى مەدەنىيەت پائالىيىتىدىن نەپكە ئىرىشتى(1)

2014.02.11 01:22   مەنبە: خەلق تورى

يەكەن ناھىيەسىدىكى ھەرمىللەت ئاممىسى ھەپتە ئاخىرىدىكى  مەدەنىيەت پائالىيىتىدىن نەپكە ئىرىشتى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھازىر قىشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئارىسال ۋاقتى. يەكەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ئىدارىسى قىش پەسلىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئارىسال ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، تۈرلۈك ئەلنەغمە،مەشرەپ، دارۋازلىق، سىرىك-سىھىرگەرلىك، مۇقام سەنئەت كېچىلىكلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى. 30 يىلدىن بېرى يەكەن مەدەنىيەت يۇرتى باشقۇرۇشىدىكى مەدەنىيەت باغچىسىدا ھەر يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلۈپ كىلىۋاتقان «دېھقانلار شادلىقى» مەشرەپ پائالىيىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورۇنلىغۇچىلار ۋە نۇمۇرلارنى سەرخىللاشتۇرۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنى كۆپلەپ جەلپ قىلدى. بۇ يىل كىرگەندىن بېرى ھەر يەكشەنبە كۈنى كەچتە «يەكەن ناھىيەلىك 12 مۇقام ئەلئىچى سەنئەت ئۆمىكى» ھەرقايسى يېزا-بازارلاردىن كىرگەن 50 نەپەرگە يېقىن مۇقام ۋارىسلىرىنى يەكەن مۇقام ۋارىسلىرىنى تەربىيەلەش مەركىزىدە ھەپتە ئاخرىدىكى چوڭ سەھنە ئويۇن قويۇش پائالىيىتىگە تەشكىللەپ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئىلىش كۈنىنى مەنىلىك ئۆتكۈزمەكتە. ھازىرغىچە ئون مەيدان دىھقانلار شادلىقى مەشرەپ پائالىيتىگە ۋە بەش مەيدان چوڭ سەھنە سەنئەت پائالىيىتىگە قاتناشقان ئادەم 15مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى.

  سۈرەتتە: يەكەن مەدەنىيەت يۇرتى غەدىگەرلىك مەدەنىيەت باغچىسىدىكى دېھقانلار شادلىقى مەشرەپ پائالىيىتىدە ھەرقايسى يىزا- بازارلاردىن كىرگەن پېشقەدەم نەغمىچىلەر دولان سەنىمى ئورۇنلىماقتا.

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نۇرمۇھەممەد ئايۇپ خەۋىرى ۋە فوتوسى

  مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز