باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

يەكەن ناھىيەسىدىكى ھەرمىللەت ئاممىسى ھەپتە ئاخىرىدىكى مەدەنىيەت پائالىيىتىدىن نەپكە ئىرىشتى(2)

2014.02.11 01:22   مەنبە: خەلق تورى

يەكەن ناھىيەسىدىكى ھەرمىللەت ئاممىسى ھەپتە ئاخىرىدىكى  مەدەنىيەت پائالىيىتىدىن نەپكە ئىرىشتى(2)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھازىر قىشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئارىسال ۋاقتى. يەكەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ئىدارىسى قىش پەسلىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئارىسال ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، تۈرلۈك ئەلنەغمە،مەشرەپ، دارۋازلىق، سىرىك-سىھىرگەرلىك، مۇقام سەنئەت كېچىلىكلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى. 30 يىلدىن بېرى يەكەن مەدەنىيەت يۇرتى باشقۇرۇشىدىكى مەدەنىيەت باغچىسىدا ھەر يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلۈپ كىلىۋاتقان «دېھقانلار شادلىقى» مەشرەپ پائالىيىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورۇنلىغۇچىلار ۋە نۇمۇرلارنى سەرخىللاشتۇرۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنى كۆپلەپ جەلپ قىلدى. بۇ يىل كىرگەندىن بېرى ھەر يەكشەنبە كۈنى كەچتە «يەكەن ناھىيەلىك 12 مۇقام ئەلئىچى سەنئەت ئۆمىكى» ھەرقايسى يېزا-بازارلاردىن كىرگەن 50 نەپەرگە يېقىن مۇقام ۋارىسلىرىنى يەكەن مۇقام ۋارىسلىرىنى تەربىيەلەش مەركىزىدە ھەپتە ئاخرىدىكى چوڭ سەھنە ئويۇن قويۇش پائالىيىتىگە تەشكىللەپ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئىلىش كۈنىنى مەنىلىك ئۆتكۈزمەكتە. ھازىرغىچە ئون مەيدان دىھقانلار شادلىقى مەشرەپ پائالىيتىگە ۋە بەش مەيدان چوڭ سەھنە سەنئەت پائالىيىتىگە قاتناشقان ئادەم 15مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى.

  سۈرەتتە: ھەپتە ئاخىرىدىكى چوڭ سەھنە پائالىيىتىدە يەكەن ناھىيەسىدىكى مۇقام ۋارىسلىرىدىن تەشكىللەنگەن «يەكەن ناھىيەلىك 12 مۇقام ئەلئىچى سەنئەت ئۆمىكى» يەكەن مۇقام ۋارىسلىرىنى تەربىيەلەش مەركىزىدە مۇشۇ ئاينىڭ 9- كۈنى كەچتە يەرلىك كاچۇڭ سەنىمىنى ئورۇنلىماقتا.

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نۇرمۇھەممەد ئايۇپ خەۋىرى ۋە فوتوسى

  مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە مەكتەپلەردە ‹‹تاماكا چېكىشنى چەكلەش بۇيرۇقى›› چىقاردى 
      ·ئوتتۇرا، باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوغداشتا يەنە نۇرغۇن تەدبىر قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ
      ·باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىز ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇشتا، ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ن…
      ·2014-يىللىق شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتىھانىنىڭ نومۇر چېكى بېكىتىلدى
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا قىشلىق تەتىللىك دەرس تولۇقلىغان مەكتەپلەر قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ 
      ·يىنچۇەندىن قازاقىستانغا ئۇچىدىغان مەخسۇس يۈك ئايروپىلانى ئىشقا كىرىشتى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى MBA ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا يۈز بەرگەن كۆچۈرمىچىلىك ۋەقەسىگە قارىتا ئ…
      ·ھاياتلىق مائارىپ ئارقىلىق قانداق جۇشقۇن تەرەققىي قىلىشى كېرەك (خەلقنىڭ كۆز قارىشى)
      ·ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتناشقانلار سانىنىڭ ئازىيىشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟
      ·بۇ يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىكى تۆت چوڭ ئۆزگىرىش