باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش-مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرىنىڭ «سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە» روھىغا خىلاپلىق قىلىشىغا ئالاقىدار تۆت تىپىك مەسىلە توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى

2014.02.10 23:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەركەز سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش-مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ۋە كەڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش-مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرى سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خىل ئىستىل»غا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە-ھۆكۈمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەت كەيپىياتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن. لېكىن ئاز ساندىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش-مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرى بەلگىلىمىگە ئېتىبارسىز قاراپ، ئىنتىزامنى بىلىپ تۇرۇپ خىلاپلىق قىلىپ، يامان تەسىر پەيدا قىلغان. تۆۋەندە بۇنىڭغا ئالاقىدار تۆت تىپىك مەسىلىنى ئۇقتۇرۇش قىلىمىز.

  جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھىرى ئەنيى ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ چياڭنىڭ ھاراق ئېچىپ ماشىنا ھەيدەپ ئادەم ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىق مەسىلىسى.

  خۇبېي ئۆلكىسى شياڭياڭ شەھەرلىك دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىدارىسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ جىميەننىڭ ساقچى ماشىنىسى ئارقىلىق قاتناش ۋەقەسى پەيدا قىلىپ ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىق مەسىلىسى.

  خېبېي ئۆلكىسى خەندەن شەھىرى لىنتەن ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم دەرىجلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش خادىمى، مەمۇرىي تەپتىش خادىمى شېن ۋەنخاۋنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ زىياپەتكە قاتنىشىپ، ھاراق ئېچىپ بازارلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسىنى ئۇرۇش مەسىلىسى.

  سەنشى ئۆلكىسى خېجىن شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەتچىسى رېن جيەنگاڭنىڭ دادىسى ئۈچۈن ھەشەمەتلىك دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ سوۋغا قوبۇل قىلىش مەسىلىسى.(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر