باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار چىرىكلىك ھادىسىلىرىنى قاتتىق جازالىماقتا

2014.02.11 08:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان جايلار ۋە تارماقلار باش سېكرىتار شى جىنپىڭنىڭ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىكنى قاتتىق جازالاپ، ئىجتىمائىي كەيپىياتتا بۇرۇلۇش ياساشقا يېتەكچىلىك قىلدى.

  بۇ يىل چاغاندا، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆزئارا سوۋغا توشۇيدىغان ماشىنىلار ئازايدى، ئالىي سوۋغا بۇيۇملىرى دۇكىنى، شەخسى ئارامخانىلار، ھەشەمەتلىك رېستوران مېھمانخانىلارنىڭ بازىرى ئانچە بولمىدى، بايرام ئۆتكۈزۈش كەيپىياتى ئۆزگەردى، جىلىن ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى ۋاڭ چاڭجيۇ مۇنداق دېدى: چاغاندىن بۇرۇن ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرى ناتوغرا ئىستىلنى ئۆزگەرتىشتە ئۈنۈم كۆردى، كادىرلار چاغاننى پاك ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى، ئۆلكە 14 تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللىدى، ئۆلكە بويىچە 8 بەلگىلىمىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىدىن 178 ئى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، 125كىشىگە پارتىيە مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلدى ۋە تەشكىل تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.

  ئىلگىرى چاغاننىڭ ئالدىن كەينىدە يەپ ئىچىش، مېھماندارچىلىقلار بەك كۆپ بولاتتى، ئەمما شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇتۇبى ناھىيەسى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ كادىرى لى كۈنپېڭ بۇ يىل چاغاندا خېلىلا يېنىكلەپ قالدى ھەمدە ئاخىرى ئۆيدىكىلىرى بىلەن ئارامخۇدا 7 كۈن ئارام ئالدى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى چاغاندىن ئىلگىرى قانۇنغا خىلاپ دېلودىن 20 نەچچىنى ئۇقتۇرۇپ ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ياخشى ئۈنۈم كۆردى، بۇ قېتىم چاغاننى ناھايىتى يېنىك ئازادە ئۆتكۈزدۇق.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرى ئىستىلنى تۈزىتىش،ئىنتىزامنى چىڭىتىش مەخسۇس ھەرىكىتى ئېلىپ باردى، كىچىك غەزنە، بايراملىق پۇللارنى ئېنىقلاپ چىقىپ، سوۋغات كارتىسى، ئەزالىق كارتىسى دېگەنلەرنى يىغدى، يول باشلاش ئورۇن بېكىتىش سىستېمىسى ئارقىلىق ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى شەخسى ئىشقا ئىشلىتىشنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، تۆت خىل ناتوغرا ئىستىلنىڭ باش كۆتۈرۈشىنىڭ كۈچلۈك ئالدىنى ئالدى، قۇتۇبى ناھىيەلىك مەمۇرىي تەپتىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شۆجۇڭ مۇنداق دېدى: چاغان مەزگىلىدە بىز مېھمانخانا، دەم ئېلىش كەنتلىرى، ماگىزىنلارنىڭ ماشىنا توختىتىش ئورۇنلىرىدا مەخپىي زىيارەت قىلدۇق ۋە تەكشۈردۇق، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەرىكەتلەر بايقالمىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر