باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ياپونىيەنىڭ جۇڭگونىڭ بېلىقچىلىق پاراخوتلىرىنى تۇتۇپ تۇرىشى قانۇنسىز

2014.02.14 08:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ياپونىيەنىڭ 2010-يىلى جۇڭگو بىلەن ياپونىيە پاراخوتلىرىنىڭ سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسىدە جۇڭگولۇق پاراخوت باشلىقى ئۈستىدىن زىياننى تۆلەش ئەرزى سۇنغانلىقى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ياپونىيەنىڭ جۇڭگونىڭ بېلىقچىلىق پاراخوتلىرىنى، بېلىقچىلىرىنى تۇتۇپ تۇرىشى، تەكشۈرۈشى شۇنداقلا ھەر قانداق شەكىلدىكى ئەدلىيە تەدبىرلىرىنىڭ ھەممىسى قانۇنسىز ۋە ئىناۋەتسىز، جۇڭگو پايونىيەدىن بۇ ئىش توغرىسىدا جۇڭگودىن كەچۈرۈم سورىشىنى، جۇڭگوغا تۆلەم تۆلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. 2010-يىلى 7-سېنتەبىر، ياپونىيەنىڭ ئىككى چارلىغۇچى پاراخوتى دياۋيۈ ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىغا تەخمىنەن 12 كىلومېتىر كېلىدىغان دېڭىز رايونىدا جۇڭگونىڭ بىر بېلىقچىلىق پاراخوتى بىلەن سوقۇلىشىپ كەتكەن، ئارقىدىن ياپونىيە جۇڭگو پاراخوتىنى توسىۋالغان ھەمدە قانۇنسىز ھالدا جۇڭگولۇق پاراخوت باشلىقىنى تۇتۇپ قالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر