باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇتەخەسسىسلەر: «يالغۇز پەرزەنتلەر ئىككى بالىلىق بولۇش» سىياسىتى ئۆتكۈنچى سىياسەت، تۇغۇت سىياسىتى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ

2014.02.10 23:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-فېۋرال، مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا چاقىرىلدى.

  بۇ يىل، «يالغۇز پەرزەنتلەر ئىككى بالىلىق بولۇش» يېڭى سىياسىتى جايلاردا كەينى-كەينىدىن يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى، بۇ نوپۇس تەرەققىياتىغا قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئېلىمىز پىلانلىق تۇغۇت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇشى كېرەكمۇ-يوق؟ بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىر نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتى نوپۇس ۋە تەرەققىيات تەتقىقات ئورنىنىڭ پىروفېسسورى، ياشانغانلار تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى يۈەن شېننى زىيارەت قىلدى.

  مۇخبىر: 2014-يىلى، «يالغۇز پەرزەنتلەر ئىككى بالىلىق بولۇش» يېڭى سىياسىتى جايلاردا كەينى-كەينىدىن يولغا قويۇلدى. تۇغۇت سىياسىتىنى تەڭشەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئېلىمىزنىڭ پەيدىنپەي ئىستىخىيلىك تۇغۇت شارائىتىغا ئىگە بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ-قانداق؟

  يۈەن شېن: نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ نوپۇس تەرەققىياتى تۇغۇت سىياسىتىنى كەڭ كۆلەمدە قويىۋېتىش شارائىتى ۋە بوشلۇقىغا ئىگە ئەمەس. پىلانلىق تۇغۇتتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇش يەنىلا دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ھېسابلىنىدۇ.

  مۇخبىر: «يالغۇز پەرزەنتلەر ئىككى بالىلىق بولۇش» سىياسىتى ئېلىمىزنىڭ نوپۇس تەرەققىياتىغا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟

  يۈەن شېن: «يالغۇز پەرزەنتلەر ئىككى بالىلىق بولۇش» سىياسىتى تۇغۇت سىياسىتى دائىرىسىنى مىكرو جەھەتتىن تەڭشەشكە مەنسۇپ، بۇ ئېلىمىزنىڭ نوپۇس تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، لېكىن نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش، نوپۇس ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئائىلە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

  مۇخبىر: ئىجتىمائىي سىياسەتنىڭ بىر تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئېلىمىزنىڭ تۇغۇت سىياسىتى شەكىللەنگەن باشلاپ، ئىزچىل ھالدا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتەك ئۈزلۈكسىز تەڭشەش ۋە مۇكەممەللىشىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ. بۇندىن كېيىنكى سىياسەت يۈزلىنىشى قانداق بولىدۇ؟

  يۈەن شېن: نوپۇسنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەڭكەش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانلىق تۇغۇت تۈپ دۆلەت سىياسىتىنى يولغا قويۇشنىڭ ئاخىرقى نىشانى. پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىكى «كېچىكىپ توي قىلىش، تۇغۇت ئارىلىقىنى ئۇزارتىش، ئاز تۇغۇش»تىن ئىبارەت ئىلاستىكىلىق سىياسەت، 80-يىللارنىڭ بېشىدىكى «بىر جۈپ ئەر-خوتۇن پەقەت بىرلا بالىلىق بولۇشنى تەشەببۇس قىلىش» قاتتىق سىياسىتى، 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدىكى يېزىلاردا يولغا قويۇلغان «بىر يىرىم بالا» تۇغۇت سىياسىتى، كېيىن شەھەر-يېزىلاردا يولغا قويۇلغان «ئەر-ئايال ئىككىيلەن يالغۇز پەرزەنت بولسا ئىككى بالىلىق بولۇشقا يول قويۇش» قاتارلىق تۇغۇت سىياسەتلىرىنى باشتىن كەچۈردى، ئائىلىلەرگە قارىتىلغان تۇغۇت سانى بەلگىلىمىسى پەيدىنپەي بوشىتىلدى. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، «يالغۇز پەرزەنتلەر ئىككى بالىلىق بولۇش» سىياسىتى پەقەت بىر ئۆتكۈنچى سىياسەت، تۇغۇت سىياسىتى يەنە داۋاملىق تەڭشىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، كەلگۈسىدە مەلۇم بىر ۋاقىتقا كەلگەندە «ئومۇميۈزلۈك ئىككى بالىلىق بولۇش» قويىۋېتىلىدۇ. (لى شياۋخۇڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر