باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى تېررورلۇق بۇلۇتلىرى ئەگىپ يۈرمەكتە

بىر ئەر يولۇچىلار ئايروپىلانىنى بۇلاپ سوچىغا قاراپ ئۇچماقچى بولدى

2014.02.08 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: روسىيە سوچى قىشلىق ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئېچىلىش پەيتىدە، تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ قارا بۇلۇتلىرى پەيدا بولدى. بىر ئەر ئايروپىلاننى پارتلىتىۋېتىمەن دەپ تەھدىت سېلىپ، تۈركىيەنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنى بۇلاپ سوچىغا قاراپ ئۇچماقچى بولدى.

  تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئايروپىلان بۇلىغۇچى بىر ھاراق پۇراپ تۇرغان ئۇكرائىنالىق ئەر بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئۇ تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ، «ئايروپىلاننى پارتلىتىمەن» دەپ قاتتىق ۋارقىراپ، ھەيدەش بۆلۈمىگە كىرىپ، ئايروپىلاننىڭ سوچىغا قاراپ ئۇچۇشىنى تەلەپ قىلغان، بولمىسا ئايروپىلاندىكى بومبىنى پارتلىتىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

  ئامېرىكا مەملىكەتلىك رادىئو شىركىتى(NBC) ۋەقەدىن خەۋەردار بىر ئەمەلدارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇچقۇچى ۋەقەنى بىلىپ، ھاۋا يولى كۆرسەتكۈچ ئېكراننى ئېتىۋېتىپ، ئۇنىڭ تەلىپىگە بويسۇنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا «سوچىغا قاراپ ئۇچىۋاتقانلىقى»نى ئېيتقان، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئايروپىلان بۇلانغانلىق سېگنالى بېرىپ، داۋاملىق ئىستانبۇلغا قاراپ ئۇچقان. كېيىن تۈركىيە ھەربىي تەرەپنىڭ F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا، ئايروپىلان سابىخا گېكېچىن ئايروپورتىغا مەجبۇرىي قونغان. ئايروپىلاندىكى 110 نەپەر يولۇچىغا زىيان-زەخمەت يەتمىگەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر