باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مۇخبىر چاغاندا پامىر ئېگىزلىكىدىكى توك سىمىنى تەكشۈرۈش ئىشچىلىرىنى زىيارەت قىلدى

2014.02.07 10:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پامىر ئېگىزلىكىدىكى قونجىراپ توك تەمىنات پونكىتىنىڭ باشلىقى جاسارەت قاسىم ۋە بۇ پونكىتنىڭ خىزمەتچىسى تۇرسۇنجان 4-فېۋرال تاڭ يورۇماي تۇرۇپلا يۈز كىلوگرامدىن ئارتۇق ماتېرىيال ۋە ئەسلىھەلەرنى تۇغۇلغىنىغا بىر يىل بولمىغان تۆگىگە ئارتىپ، بەش كۈنلۈك توك سىمىنى تەكشۈرۈش سەپىرىنى باشلىدى.

  دېڭىز يۈزىدىن 4200 مېتىردىن ئارتۇق ئېگىزلىكتىكى پامىر ئېگىزلىكىدە، نۆلدىن تۆۋەن 30 گىرادۇسلۇق قەھرىتان سوغۇقتا، ئادەم توڭلىغىنىدىن نەپىسى يېتىشمەي قالىدۇ، ھاۋادىكى ئوكسىگېن مىقدارى تۈزلەڭلىكنىڭ %60 گە توغرا كېلىدۇ، مىدىرلىماي جىم تۇرسىمۇ، ھاۋا يېتىشمىگەندەك بولىدۇ.

  جاسارەت قاسىم-بۇ توك تەمىنات پونكىتىنىڭ تۇنجى باشلىقى، 2002-يىلى توك تەمىنات پونكىتى قۇرۇلغاندا ئۇ ئاران 29 ياش ئىدى. ئاران ئىككى خىزمەتچىسى بار بۇ توك تەمىنات پونكىتى ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 84 كىلومېتىر كېلىدىغان توك سىمىنى تەكشۈرۈش ۋە قوغداشقا مەسئۇل بولغان، بۇ پونكىت 11 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىدىكى 507 ئائىلىلىك دېھقان—چارۋىچىغا توك يەتكۈزىدۇ.

  چۈش ۋاقتى بولغان بولغاندا، قاتتىق سوغۇق دەستىدىن ئىككىيلەننىڭ قول-پۇتلىرى توڭلاپ كۆكىرىپ كەتتى، ئاۋازىمۇ ئاران چىقتى. ئۇلار قېلىن قارنى سۈپۈرۈۋېتىپ، يىغىۋالغان تېزەك بىلەن ئوت ياقتى. ئۇلارنىڭ چۈشلۈك تامىقى نان بىلەن قار ئىدى. ئىككىيلەن ناننى كۆپ يېمىدى، ناننىڭ بىر قىسمىنى يۈز كىلوگرامدىن ئارتۇق يۈك ئارتىلغان تۆگىگە بەردى، چۈنكى تۆگىنىڭ يۈكى ئېغىر بولغاچقا، كۈچى بەك خورايتتى. چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن، ئىككىيلەن داۋاملىق قارنى يېرىپ ئىلگىرىلىدى.

  ئىككىيلەن بىر كۈن ئىچىدە 25 توك مۇنارىنى تەكشۈردى ھەم ئۈچ ئورۇندىكى كاشىلىنى بايقاپ بىر تەرەپ قىلدى. 507 ئائىلىلىك دېھقان-چارۋىچىمۇ ئۆيلىرىدىكى توك چىراغنىڭ تېخىمۇ يورۇق يېنىشى ئۈچۈن، بۇ ئىككىيلەننىڭ تاغ-ئىدىرلارنى ئېشىپ ئون سائەتكە يېقىن يول ماڭغانلىقىنى بەلكىم بىلمەسلىكى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر