باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە›› نىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىش كېرەك

2014.02.07 16:25         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە يولغا قويۇلغان بىر يىلدىن بۇيان›› ناملىق پىروگراممىسىنى بەس–بەستە مۇنازىرە قىلغانلىقى توغرىسىدا

  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹قىزىق نۇقتا ھەققىدە سۆھبەت›› ناملىق پىروگراممىسىدا 26 – يانۋاردىن 29 – يانۋارغىچە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە››نى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەنلىكى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ بىرلىكتە ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە››نىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، ئىلگىرى سۈرگەنلىكى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىشنى چىڭ تۇتقانلىقى قاتارلىقلار باش تېما قىلىنغان ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە يولغا قويۇلغان بىر يىلدىن بۇيان›› ناملىق يۈرۈشلۈك پىروگرامما تۆت سان كۆرسىتىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئامما بۇ پىروگراممىنى كۆرگەندىن كېيىن: بۇ پىروگرامما پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئۈچۈن بىر قېتىملىق جانلىق، ئوبرازلىق پارتىيە دەرسى بولدى، بىز مەركەز، ئاپتونوم رايوننىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىمىز، دېيىشتى.

  چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قېتىملىق پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامى دەرسى بولدى

  باركۆل ناھىيەسىدىكى كادىرلار ۋە ئامما مۇنداق دېيىشتى: بۇ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا بىر قېتىملىق مەزمۇنلۇق پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى ۋە پارتىيە ئىنتىزامى توغرىسىدا بېرىلگەن تەربىيە بولدى. ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ لى مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن بۇيان، مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار چەكلەش بۇيرۇقى ئىجتىمائىي كەيپىيات، خەلق ئىستىلىنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى، تېجەشلىك بولۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋە پۇقرالارنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىكى كادىرلار بۇ پىروگراممىنى كۆرگەندىن كېيىن: مەركەز ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە››نى دەل ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ كادىرلار قوشۇنىنى ساپلاشتۇرۇش، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولدى، بىز پىروگراممىدا كۆرسىتىلگەن مەركەزنىڭ ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە››سىگە خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىدىن ساۋاق ئېلىپ، ئىستىل جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈگىتىمىز، دېيىشتى.

  چاغاننى تېجەشلىك، مەدەنىي ئۆتكۈزۈشتەك يېڭى ئىستىل تىكلەندى

  بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى تۆت بەنزىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئوبلاستتىكى تارماقلار، ئورۇنلار، نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار 27 – يانۋار كەچتە ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە يولغا قويۇلغان بىر يىلدىن بۇيان›› ناملىق پىروگراممىنى كۆردى. ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى پېڭ جيارۇي مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: چاغان مەزگىلىدە ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە يولغا قويۇلغان بىر يىلدىن بۇيان›› ناملىق پىروگراممىنىڭ قويۇلۇشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ‹‹كۈچلۈك دورا ئىشلىتىش، قاتتىق مۇشت ئېتىش، قالاق ئادەتنى ئۆزگەرتىش، يېڭى ئىستىل تىكلەش››تەك قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. ئوبلاستتىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار مەركەز، ئاپتونوم رايون ۋە بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە ئورنىتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چاغان مەزگىلىدىكى خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، چاغاننى تېجەشلىك، مەدەنىي ئۆتكۈزۈشتەك يېڭى ئىستىلنى تىكلەپ، ئوبلاستنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تەشكىلىي ۋە ئىنتىزام كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىنىڭ نازىرى دولقۇن ئابدۇرۇسۇل مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى پارتگۇرۇپپىسى ھەر دەرىجىلىك مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنىڭ مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى، ئورۇنلاشتۇرۇلمىلىرى ۋە تەلەپلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چاغاننى تېجەشلىك ئۆتكۈزۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەشەمەتچىلىك، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش نازارىتىدىكى كادىرلار مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى كۈچەيتىپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ۋە ئىقتىدار سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق سادىق، ئىشەنچلىك، خەلققە مۇلازىمەت قىلىدىغان، قەيسەر، ئىنتىزامنى ئادىل ئىجرا قىلىدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خې شېنۋېي مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيەتتىن ياخشى ئۆتكۈزۈش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز. بىز قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق چەكلىمىسى ۋە تەرتىپ بويىچە ھوقۇق يۈرگۈزۈپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىپ، سەۋەنلىك ئۆتكۈزمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمى تەشۋىقات باشقارمىسىنىڭ كادىرى دۇڭ چېڭپىڭ مۇنداق دېدى: پىروگرامما ماڭا بەك تەسىر قىلدى، بىز ھەممىنى ئۆزىمىزدىن، ئەتراپىمىزدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، ئۆزىمىزنىڭ ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، بىرلىك سەپ خىزمىتى ئورنىدا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر