باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھوللاندنىڭ قىز دوستى ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە توختالدى

2014.02.07 15:49         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندنىڭ سابىق قىز دوستى ۋالېرى ترىۋېيلېر شۇ يەر ۋاقتى 28-يانۋار ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدە بالىلار دوختۇرخانىسىدىكى بىمارلاردىن ھال سورىدى.

  خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى : ئەنگلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا خەۋەرلىرى ›› نىڭ 28-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندنىڭ سابىق قىز دوستى ۋالېرى ترېۋېيلېر شۇ يەر ۋاقتى 28-يانۋار بومبايدىكى بىر بالىلار دوختۇرخانىسىغا كېلىپ بىمارلاردىن ھال سورىغان. ھال سوراش جەريانىدا، ئۇ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرى ھوللاند بىلەن ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنى ئەسلەپ، ئۆزىنىڭ ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنى «رەزىل، خائىن، ھەر تەرەپتىن زەربىگە ئۇچراش» دېگەن سۆزلەر بىلەن سۈپەتلىگەن ھەمدە ئەگەر ھوللاند زۇڭتۇڭ بولمىغان بولسا، ئۇنىڭ بىلەن ئاۋالقىدەكلا بىللە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

  ۋالېرى مۇنداق دېگەن: 2012-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمى ھوللاندنىڭ ئۆزىنىڭ قارارى.

  ئۇنىڭدا ئىمتىيازغا نىسبەتەن ھېچقانداق ئۈمىد قالمىغان، ھازىر ئۇ ئۆزىنىڭ نۇرغۇن جەھەتلەردە ئەركىن بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان ھەمدە ئادەتتىكى كىشىلەردەك تۇرمۇش كەچۈرۈش يولىغا ماڭغان. ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن سىياسىي مۇخبىرلىق بىلەن شۇغۇللانمايدىغانلىقىنى، بىر ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمەتچىسى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  خەرۋەرلەرگە قارىغاندا، ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ھوللاند ئۇنىڭغا ئاۋۋالقىدەكلا كۈندە تېلېفون قىلىپ تۇرغان. ۋالېرى ھىندىستانغا يېتىپ بارغان تۇنجى كۈنى ھوللاند ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال سورىغان. ئەمما ۋالېرى ھوللاند بىلەن ئەمدى ئەپلەشمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر