باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان يەتتە تىپىك دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى (1)

2014.02.07 16:25         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان يەتتە تىپىك دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  بۇ دېلولار تۆۋەندىكىچە:

  تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى نۇرشارىپ شاكەينىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى. 2013 – يىلى 28 – ئاۋغۇستتىن 9 – سېنتەبىرگىچە نۇرشارىپ شاكەي قۇمۇلدا ئوغلىنىڭ تويىنى قىلغان. تويدىن بۇرۇن تەشكىلگە يېزىقچە دوكلات يازماي، 390 دىن ئارتۇق كىشىنى تويغا چاقىرىپ، بەلگىلىمىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىمۇ مۇراسىمغا قاتناشقان. بۇنىڭدىن سىرت، ئوغلىنىڭ تويىدا ئىدارىنىڭ ئاپتوموبىلىنى توققۇز كۈن ئىشلەتكەن ھەم شوپۇرنىڭ چۆچەك شەھىرىدىن قۇمۇلغا كېلىپ كەتكۈچە بولغان ياتاق ھەققى، ماي ھەققى، كاماندىروپكىسى بولۇپ، 7609 يۈەننى ئىدارىگە ئاتچوت قىلدۇرغان. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نۇرشارىپ شاكەيگە پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىشنى قارار قىلىپ، ئىدارىگە ئاتچوت قىلغۇزغان 7609 يۈەننى ئۆزى تۆلەشكە بۇيرۇدى.

  موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سادىق سابىت (نىلقا ناھىيەسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن ھاكىمى)، نىلقا ئات فېرمىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باشلىقى سابىرجان تىلېۋخاننىڭ پاك – تەلەپچان بولۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى. سادىق سابىت بىلەن سابىرجان تىلېۋخاننىڭ خوتۇنلىرى نىلقا ناھىيەلىك 2 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. بۇ ئىككى ئايال ئايرىم – ئايرىم ھالدا 2010 – يىلى 4 – ئاي ۋە 6 – ئايدىن باشلاپ، كېسەل سەۋەبىدىن دەم ئېلىشقا چىقىش ئىلتىماسى سۇنغان، لېكىن كېسەل بىلەن دەم ئېلىشقا چىقىش ئىلتىماسى ۋە رۇخسەت سوراش رەسمىيىتىنى ئۆتىمەي تۇرۇپلا، ئۇزاق مەزگىل ئىشقا بارماي تۇرۇپ، 2013 – يىلى 31 – دېكابىرغىچە مائاش ۋە تولۇقلىما پۇلىنى تولۇق ئالغان. سادىق سابىت بىلەن سابىرجان تىلېۋخان جورىلىرىنىڭ ئۇزاق مەزگىل ئىشتىن ئايرىلىپ تۇرۇپمۇ مائاشىنى تولۇق ئېلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنى توسۇماي، ئىختىيارىغا قويۇۋېتىپ، جەمئىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلغان، سادىق سابىت بىلەن سابىرجان تىلېۋخان پاك – تەلەپچان بولۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان. ئىلى ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سادىق سابىت بىلەن سابىرجان تىلېۋخانغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەردى. نىلقا ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى سادىق سابىتنىڭ خوتۇنىغا پارتىيە ئىچىدە ئېغىر ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى ۋە ئىش ئورنى دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش جازاسى بەردى، سابىرجان تىلېۋخاننىڭ خوتۇنىغا ئىش ئورنى دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش جازاسى بەردى ھەم بۇ ئىككىسىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ئالغان مائاش ۋە تولۇقلىمىلىرىنى قايتۇرغۇزدى. نىلقا ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى، ناھىيەلىك 2 – ئوتتۇرا مەكتەپتىكى مۇناسىۋەتلىك يەتتە كىشىگە پارتىيە ۋە مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بەردى ۋە تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر