باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پوچتا ھەققى يۇقىرى، قاپلىنىشى ناچار، يۈرۈشلىشىشى يېتەرسىز

4G راستىنلا كەلدىمۇ؟

2014.02.07 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «4G نى ئېتىۋېتىشنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز، ئويغانغاندا ئۆيىڭىز جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىگە تەۋە بولۇپ قالغۇدەك»... چاغان ئالدى-كەينىدە «4G» ھەققىدىكى ھەرخىل گەپلەر مىكرو بىلوگ، ئۈندىدارلاردا قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى. چاخچاق قىلغان بىلەن، ئەگىپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان بىر جىددىي رىئاللىق شۇكى: ئىلغار بولغان 4G تورى قانداق قىلغاندا «ھەم ياخشى ھەم جەلپ قىلارلىق» بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ؟

  بۇنىڭغا نىسبەتەن، بېيجىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى جاۋاپ بېرىپ: «ئابونتلارنىڭ ئەنسىرىشى ھاجەتسىز، شىركىتىمىز يولغا قويغان 4G تورى دۆلەت ئىچىدە (شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) تور ئېقىمىنى ئەسكەرتىش ۋە ئەڭ يۇقىرى ئېقىمدا توختىتىش ‹قوش سۇغۇرتا مۇلازىمىتى›نى يولغا قويىدۇ؛ ئېقىم مىقتارىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىك ئەسكەرتىش ئۇچۇرىنى ئەۋەتكەندىن باشقا، ئابونت ھەر ئايدىكى ئېقىم ھەققى جەمئى 500 يۈەنگە يەتكەندە، ھەقنى يۇقىرى چەكتە توختىتىدۇ، يەنە ئېقىم مىقتارىنى قوغداش تەدبىرىنى قوللىنىپ، شۇ ئايلىق ئېقىمنى ئېتىۋېتىپ، كېلەر ئايدا ئۆزلۈكىدىن ئېچىپ بېرىدۇ» دېدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر