ئىختىيارى مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: كۇچا ناھىيەسىنىڭ قۇزغۇن چارۋىچىلىق فېرمىسى بۇلتۇر 5- ئايدا 350مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ تۇخۇ، كەپتەر باقمىچىلىقى بازىسى قۇرۇپ، سىناق تەرەققىسىدە 1000دانە يەرلىك قارا توخۇ ۋە 1500دانە گۆش كەپتىرى بېقىپ يىل ئاخىرىغىچە 120مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىقتىسادىي كىرىم ياراتقان ئىدى، فېرما رەھبەرلىكى تەجىربە ساۋاقلارنى ئەستايدىل يەكۈنلاپ بۇ يىل يەنە 2000دانە تۇخۇ ۋە 2500دانە گۆش كەپتىرى بېقىپ فېرمىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى.
سۈرەتتە: 9- فېۋرال قۇزغۇن چارۋىچىلىق فېرمىسىنىڭ خادىمى تۇخۇ، كەپتەرلەرگە دان بەرمەكتە.