باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چاغان مەزگىلىدە ئېغىر قاتناش ۋەقەلىرى يۈز بەرمىدى

2014.02.07 10:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 6-فېۋرال جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، چاغان مەزگىلىدە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئامانلىق ساقلاش تەرتىپى ياخشى بولغان، ئېغىر قاتناش، ئوت ئاپىتى، پارتلاش قاتارلىق ۋەقەلەر يۈز بەرمىگەن.

  بۇ يىل چاغانلىق قاتناشتا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يوللارنىڭ قاتناش ئومۇمىي ئەھۋالى مۇقىم بولدى، ئۇزۇن ۋاقىت، كەڭ دائىرىدىكى قاتناش قىستاڭچىلىقى بولمىدى، ئۆلۈم-يېتىمگە مۇناسىۋەتلىك قاتناش ۋەقەلىرىنىڭ سانى، ئۆلۈم-يېتىم سانى ئايرىم-ئايرىم %41، %50 ئازايدى، بىر قېتىمدا ئوندىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلىدىغان ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرمىدى. 6-فېۋرال سائەت 12 گىچە، پۈتۈن مەملىكەتتە جانغا زامىن بولىدىغان پوجاڭزا بىخەتەرلىك ۋەقەسى يۈز بەرمىدى، پوجاڭزا ئېتىش سەۋەبىدىن يارىلىنىش ۋەقەسى ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %17 ۋە %12 ئازايدى.

  چاغان مەزگىلىدە، جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان مال-مۈلۈككە دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتى، ئېغىر زوراۋانلىق جىنايىتى، تەشكىللىك قىمار ئويناش، شەھۋانىيلىق، زەھەر، ئالدامچىلىققا ئالاقىدار ئاسان، كۆپ يۈز بېرىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەر ۋە ئاممىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى جىنايەتلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەقەلەرگە قاراتمىلىق زەربە بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر