- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


قار-يامغۇر دائىرىسى داۋاملىق كېڭىيىپ، نۇرغۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللار قاتتىق سىناققا دۇچ كەلدى
2014.02.07 16:22 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بۈگۈن 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، چاغانلىق دەم ئېلىشنىڭ ئاخىرقى كۈ نى شۇنداقلا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا ھەقسىز يۈرۈشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى. ئېلىمىز يەنىلا چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ يۇقىرى دولقۇندا تۇرىۋاتىدۇ. مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇمات بېرىشىچە، 2-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە، ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا ـ شەرقىي رايونلىرىدا كەڭ كۆلەملىك قار-يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، تېمپېراتۇرا داۋاملىق تۆۋەنلەيدىكەن. ناچار ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە خېبېينىڭ قىسمەن رايونلىرىدا يوللار مۇز تۇتۇپ، بېيجىڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن، بېيجىڭ-كۇنمىڭ، داچىڭ-گۇاڭجۇ، شىجياجۇاڭ-ساڭجو يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قاتارلىق 12 يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تاقىلىپ، تاشيول قاتناش ترانسپورتىغا زىيانلىق تەسىر يەتكەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر