خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلنار تاشتۆمۈر خەۋەر قىلىدۇ: ئاۋات ناھىيەسىدە 2- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 6- كۈنىگىچە، ئاۋات ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى باش بولۇپ، ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسى، دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونى مەسئۇل بولغان «باھار بايرىمىنى خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزۈش» ئاساسىي تېمىسىدىكى دولان باتۇرلىرى ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. يەرلىك دولانلىقلار ساياھەتچىلەر ۋە ئامما ئۈچۈن دولان ئۇسسۇلى، تۇخۇم چېكىشتۈرۈش، ئوقيا ئېتىش، ئوغلاق تارتىشىش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش قاتارلىق نومۇرلارنى تەقدىم قىلدى. دولان باتۇرلىرى ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئۈچ كۈنگە بۆلۈنۈپ، ئات بەيگىسى، ئوۋ ئوۋلاش، چاق دوملىتىش، قوي تۇتۇش، ئوقيا ئېتىش، مۇز تېيلىش، قۇم خالتىسى كۆتۈرۈش مۇسابىقىسى قاتارلىق يەتتە تۈر بويىچە ئېلىپ بېرىلدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەر قايسى يېزا-بازارلار ئاممىنى كوچا ئويۇنى، بامبۇك ئات، ياغاچ ئاياغ بىلەن ياڭگېر ئۇسسۇلى ئويناش، ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە تەشكىللەپ، بايرام كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. بۇ پائالىيەتكە 3000 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. (ئاۋات ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن گۈلنار تاشتۆمۈر خەۋىرى).
مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى