باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭلىقلارنىڭ چاغانلىق ئىستېمال قارىشى ئۆزگەردى

2014.02.07 15:47         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چېن چياڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون ئۆلچەپ تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزگەن 140 نۇقتىلىق پارچە سېتىش كارخانىسىنىڭ ئۆلچەپ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 31 – يانۋاردىن 5 – فېۋرالغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە سېتىش سوممىسى 362مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.73 چۈشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە يېمەكلىكنىڭ سېتىلىش سوممىسى75مىليون 280مىڭ يۈەنگە، كىيىم – كېچەكنىڭ سېتىلىش سوممىسى 68مىليون 570مىڭ يۈەنگە، ئالتۇن، كۈمۈش، ئۈنچە – مەرۋايىتلارنىڭ سېتىلىش سوممىسى 47مىليون 700مىڭ يۈەنگە يەتكەن. چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەرنىڭ سېتىش سوممىسى يېزىلارنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان، چوڭ تىپتىكى تاللا بازارلىرىنىڭ سېتىش سوممىسى تۈرلۈك ماللار دۇكىنى ۋە مەخسۇس دۇكانلاردىن يۇقىرى بولغان.

  چاغان مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى چوڭ ئوبوروت كارخانىلىرى باھانى چۈشۈرۈش، باھادا ئېتىبار بېرىش، پايدا بېرىش، كەچلىكى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرنى يولغا قويدى. چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال تاللا بازارلىرى تاۋارلارنىڭ كۆپلۈكى، باھاسىنىڭ مۇۋاپىقلىقى بىلەن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ چاغانلىق مال سېتىۋېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىغا ئايلاندى، يېمەكلىك، مېۋە – چېۋە، قورۇلغان، تۇزلانغان ۋە سۈرلەنگەن يېمەكلىكلەرنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئاشتى. تاۋارلارنىڭ چاغان مەزگىلىدىكى سېتىلىش سوممىسىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، تاۋارلار چاغاندىن بۇرۇن تېز سېتىلىپ، چاغان ئوتتۇرىسىدا سېتىلىشى مۇقىملاشقان. كىشىلەرنىڭ چاغانلىق ئىستېمال قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئاھالىلەرنىڭ بايراملىق ئىستېمالىمۇ ئىستىراھەت، مودا، ئالىي دەرىجىلىك، خىلمۇ خىل بولۇشقا يۈزلەندى. بولۇپمۇ چاغاندا ئاشپۇزۇل، رېستورانلارغا بېرىپ كېچىلىك تاماق يېيىش، ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – يارەنلىرىنى زىياپەتكە تەكلىپ قىلىش بىر خىل ئېقىمغا ئايلاندى، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يېمەك – ئىچمەك كارخانىلىرى بۇنداق پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قورۇما تۈرلىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مۇلازىمەتنى ياخشىلاپ، خېرىدارلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى نۇقتىلىق ئۆلچەپ تەكشۈرگەن 15 يېمەك – ئىچمەك كارخانىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، چاغان مەزگىلىدە 5مىليون 145مىڭ 100 يۈەنلىك تىجارەت كىرىمى يارىتىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.73 ئاشقان. يېمەكلىك، كىيىم – كېچەك، ئالتۇن، كۈمۈش، ئۇنچە – مەرۋايىت قاتارلىق بايرامدا ئىستېمال نۇقتىسىغا ئايلىنىدىغان ئەنئەنىۋى مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىشى 2013 – يىلىدىكىدىن سەل تۆۋەنلىگەن.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر