باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 19 ھەق ئېلىش پونكىتىدا يۈك ئاپتوموبىللىرىدىن ئېغىرلىقنى ئۆلچەپ ھەق ئېلىنىدۇ

2014.02.10 15:39         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش تىرانسىپورت نازارىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ ، 10-فېۋرالدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تاقىرتاغ (داخۇاڭشەن ) ، كۈمۈش قاتارلىق 19 ھەق ئېلىش پونكىتىدا ئېغىرلىقنى ئۆلچەپ ھەق ئېلىشنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى .

  يېقىندا يولغا قويۇلىدىغان ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىدىن ئېغىرلىقنى ئۆلچەپ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ›› بويىچە ئېلىنىدىغان ھەق ئۆلچىمى : يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ، 1–دەرىجىلىك تاشيوللارنىڭ ھەر كىلومېتىرىغا ھەر توننا يۈك ئۈچۈن 0.07 يۈەن ؛ 2–دەرىجىلىك تاشيوللارنىڭ ھەر كىلومېتىرىغا ھەر توننا يۈك ئۈچۈن 0.05 يۈەن ئېلىنىدىكەن . جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر ۋىلايىتى ، خوتەن ۋىلايىتى ، قىزىلسۇ ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئاساسىي باھا : يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ، 1–دەرىجىلىك تاشيوللارنىڭ ھەر كىلومېتىرىغا ھەر توننا يۈك ئۈچۈن 0.06 يۈەن ؛ 2–دەرىجىلىك تاشيوللارنىڭ ھەر كىلومېتىرىغا ھەر توننا يۈك ئۈچۈن 0.04 يۈەن ئېلىنىدىكەن . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈك ۋە تەشمىلەردە ھەر كىلومېتىرغا ھەر توننا يۈك ئۈچۈن 0.25 يۈەن ئېلىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا 85 ئورۇندا ھەق ئېلىش پونكىتى بولۇپ، بۇ يىل ئىچىدە بارلىق ھەق ئېلىش پونكىتىدا ئېغىرلىقنى ئۆلچەپ ھەق ئېلىش يولغا قويۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر