باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي باقمىچىلىقىدىكى كاساتچىلىق كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ

2014.02.08 17:56        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قاتمال ۋەزىيەتنى ئوڭشاشتا كەسىپنى تىرەك قىلىش كېرەك

  تيەن كېچۇەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي باقمىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىدا ئومۇمىي كەسىپلەر زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، نوقۇل ھالدا قوي يۇڭى سېتىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، نەسىللىك ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي باقمىچىلىقى، سۈپەتلىك يۇڭ توقۇلما ۋە ئېسىل يۇڭ كىيىم – كېچەكلەرنى پىششىقلاشتەك ئومۇمىي كەسىپلەر زەنجىرىنى ھاسىل قىلغاندىلا، كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدۇ.

  ‹‹ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي باقمىچىلىقىنى ساقلاپ قالغاندىلا، خەلقئارادا قوي يۇڭى باھاسىنى كېڭىشىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ›› دۆلەت تىۋىتلىك قوي باقمىچىلىقى تېخنىكىسى سىستېمىسىنىڭ باش ئىجرائىيە ئالىمى تيەن كېچۇەننى زىيارەت گەي يۇجۈن

  ‹‹ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي باقمىچىلىقىنى ساقلاپ قالغاندىلا، خەلقئارادا قوي يۇڭى باھاسىنى كېڭىشىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ››، دېدى دۆلەت تىۋىتلىك قوي باقمىچىلىقى تېخنىكىسى سىستېمىسىنىڭ باش ئىجرائىيە ئالىمى، شىنجاڭ چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى چارۋىچىلىق تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى تيەن كېچۇەن يېقىندا زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا. بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن جۇڭگو – ئاۋسترالىيە ئەركىن سودا سۆھبىتى بويىچە مۇتەخەسسىسلەر مۇھاكىمە يىغىنىدا تيەن كېچۇەن ھۆكۈمىتىمىزنىڭ باش ئىجرائىيە باياناتچىسى سۈپىتىدە ئاۋسترالىيە دائىرلىرى بىلەن قوي يۇڭى سودىسى توغرىسىدا پىكىرلەشكەن ھەم جۇڭگونىڭ قوي يۇڭى سودىسىدىكى تۆۋەن چېكىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىر، ئېلىمىز دۇنيا بويىچە قوي يۇڭى پىششىقلاشتىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ۋە قوي يۇڭى ئىستېمالىدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇپ، ھەر يىلى 400 مىڭ توننىدىن كۆپرەك قوي يۇڭى پىششىقلاپ ئىشلىنىدىكەن، لېكىن مەملىكىتىمىز بويىچە ھەر يىلى ئاران 120 مىڭ توننا ساپ قوي يۇڭى ئىشلەپ چىقىرىلىدىكەن، شۇڭا مەملىكىتىمىز ھەر يىلى 300 مىڭ توننا ساپ قوي يۇڭى ئىمپورت قىلىدىكەن، بۇ، مەملىكەت ئىچى يۇڭ توقۇمىچىلىق سانائىتىگە ئىشلىتىلىدىغان خام ماتېرىيالنىڭ %80 – %75 قىسىمىنى ئىگىلەيدىكەن، ھالبۇكى، ئىمپورت قىلىنىدىغان قوي يۇڭى ئىچىدە، ئاۋسترالىيە قوي يۇڭى قوي يۇڭى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %80 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن.

  تيەن كېچۇەن مۇنداق دېدى: ھازىر، ئېلىمىزنىڭ ئىمپورت قىلىنغان قوي يۇڭىنى نورمىلىق باشقۇرۇش يولغا قويۇلغان بولۇپ، ھەر يىلى 287 مىڭ توننا قوي يۇڭى ئىمپورت قىلىنىدۇ، نورما ئىچىدىكى تاموژنا بېجى %2، نورمىدىن ئاشۇرۇلغان قىسمىنىڭ تاموژنا بېجى %38 بولىدۇ.

  سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يۇڭ كىيىم – كېچەكلەر خەلقئارا بازاردا ئىزچىل ياخشى سېتىلغان، بۇلتۇر خەلقئارا يۇڭ كىيىم – كېچەكلەر بازىرىنىڭ سودا سوممىسى 100 مىليارد دوللارغا يېتىپ، دۇنيا بويىچە كىيىم – كېچەك مەھسۇلات قىممىتىنىڭ %25ىنى ئىگىلىگەن. ئامېرىكىدا ھازىر ھەر يىلى ھەر بىر كىشى ئوتتۇرىچە 23 قۇر يۇڭ كىيىم – كېچەك سېتىۋالىدىكەن، ھالبۇكى، ئېلىمىزدە ھەر يىلى ھەر بىر كىشى ئوتتۇرىچە ئۈچ قۇر سېتىۋالىدىكەن، يۇڭ كىيىم – كېچەكلەرنىڭ ئېلىمىزدىكى بازار يوشۇرۇن كۈچىنى زور دېيىشىكە بولىدۇ.

  شىنجاڭنىڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي باقمىچىلىقىنىڭ چىقىش يولى قەيەردە؟

  ئاپتونوم رايون 2013 – يىل 4 – نويابىر ئېلان قىلغان ‹‹قوي – كالا بورداقچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر››دە: دۆلەتنىڭ يۇڭ توقۇمىچىلىق تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي نەسلىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە بېقىلىۋاتقان 50 مىڭ تۇياق ئىنچىكە يۇڭلۇق قوينىڭ يادرولۇق نەسىل توپىغا تولۇقلىما بېرىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ ئاساسلىق ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي ماكانى،ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي تەرەققىياتى ئەڭ ئەۋجىگە چىققان ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – ۋە 90 – يىللىرىدا، شىنجاڭدا ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي ئومۇمىي سانى 12 مىليون تۇياققا يەتكەن، يىلىغا 30 مىڭ توننىدىن ئارتۇق يۇڭ ئىشلەپچىقىرىلغان ئىدى. ئەمما بۈگۈنگە كەلگەندە، شىنجاڭدا ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي 8 مىليون تۇياققا، ئېسىل نەسىل توپى تەخمىنەن 500 مىڭ تۇياققا ئازلاپ كەتتى.

  يېڭى سىياسەت ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي باقمىچىلىقىدىكى قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي باقمىچىلىقىنىڭ قايتا روناق تېپىشىغا تۈرتكە بولالامدۇ – يوق، دېگەن سوئالغا جاۋاب تېپىش مەقسىتىدە، يېقىندا ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنى زىيارەت قىلدىم. مۇخبىرىمىز گەي يۇجۈن

  ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي باقمىچىلىقىنىڭ ئىستىقبالى يەنىلا زور

  قوي گۆشى بىلەن قوي يۇڭىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ زورىيىشى، چارۋىچىلارنىڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشنى خالىماسلىقى ھازىرقى بازار مۇھىتى ئاستىدا شىنجاڭنىڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي باقمىچىلىقىنىڭ كاساتلىشىش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىنى بەلگىلەپ بېرەمدۇ – يوق؟

  تيەن كېچۇەن بۇنداق قارىمىدى. ئۇ بازار ئەھۋالىنى توغرا ئىگىلىگەندىلا، ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي باقمىچىلىقىنىڭ ئىستىقبالى يەنىلا زور، دەپ قارايدىكەن. تيەن كېچۇەن مۇنداق دېدى: ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، دۇنيا بويىچە قوي يۇڭىنىڭ سۈپىتى زور ئىسلاھ قىلىنىپ، قوي يۇڭى يىرىك بولۇشتىن ئىنچىكىلەپ باردى ھەم قانچە ئىنچىكە بولغانسېرى شۇنچە بازار تاپتى. يۇڭ توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىمۇ يېنىك، يۇمشاق، تاشلىنىپ تۇرىدىغان بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلدى.

  تيەن كېچۇەن: ‹‹ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئەزەلدىن ۋاز كەچمىدۇق››، بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئېلىمىز ئىنچىكە يۇڭلۇق قوينىڭ يېڭى نەسلىنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ يىل شىنجاڭ چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلامچى بولۇشى، مەملىكەت ئىچىدىكى بىر نەچچە پەن تەتقىقات يۇرتىنىڭ بىرلىكتە قاتنىشىشى ئارقىلىق، يۇڭى پەۋقۇلئاددە ئىنچىكە بولغان ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي نەسلى يېتىشتۈرۈلۈپ، ھازىر دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىغا سۇنۇلدى.

  ‹‹شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي ماكانى، شىنجاڭنىڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي باقمىچىلىقىنىڭ سەۋىيەسى، شارائىتى، ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي سانى ۋە يۇڭنىڭ سۈپىتى مەملىكەت بويىچە 1 – ئورۇندا تۇرىدۇ››، دەپ باھا بەردى دۆلەت تىۋىتلىك قوي باقمىچىلىقى تېخنىكا سىستېمىسىنىڭ باش ئىجرائىيە ئالىمى، شىنجاڭ چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى چارۋىچىلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى تيەن كېچۇەن.

  تيەن كېچۇەن مۇنداق دېدى: ئېلىمىزدە ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي باقمىچىلىقى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىدا باشلانغان، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلىمىزدە ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي يوق ئىدى، شىنجاڭنىڭ قويلىرى ئاساسەن بورداق قوي ۋە يەرلىك قوي بولۇپ، يۇڭى يىرىك بولغاچقا كۆپ ھاللاردا كىگىز، چېدىر ئىشلەشكە، ئارغامچا ئىگىرىش ۋە پىيما تىكىشكە ئىشلىتىلەتتى. مىللىي ھۆكۈمەت 1932 – يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىشىپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويىنى كىرگۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ يەرلىك قويلىرى بىلەن چاڭلاشتۇرۇپ كۆپەيتكەن. ئېلىمىزدە 1954 – يىلى بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي نەسلى شىنجاڭنىڭ مېتىس قويلىرى يېتىشتۈرۈلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋە بىڭتۇەندىكى نەسىللىك سورت يېتىشتۈرۈش پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرى 30 نەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدا جۇڭگو مېرىنوس قويى نەسلىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان، كېيىنچە ئون نەچچە يىل ئىچىدە، شىنجاڭ جۇڭگو مېرىنوس قويىنىڭ كۆپ تۇغىدىغان، يۇڭى ئالاھىدە ئىنچىكە ۋە قويۇق، جۇغى چوڭ نەسلىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. شىنجاڭ 2003 – يىلى جىلىن ئۆلكىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي يېڭى تۈرى ‹‹شىنجى›› ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي نەسلىنى يېتىشتۈرگەن.

  تيەن كېچۇەن: ‹‹دۇنيادا ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي نەسلىنى يېتىشتۈرۈشتە پەن – تېخنىكا خادىملىرى ئىنتايىن ئېھتىيات قىلىدۇ، ئېلىمىزنىڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي نەسلىنى يېتىشتۈرۈش مۇساپىسىنىڭ ھەر بىر قەدىمى ئىنتايىن جاپالىق بېسىلدى، كالا، توخۇ قاتارلىق چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرى تۈرلىرىنى مەلۇم بىر دۆلەت يېتىشتۈرگەندىن كېيىن، باشقا دۆلەتلەر تۈرلىرىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق كېڭەيتىشكە بولىدۇ، ئەمما، ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ئېسىل نەسىللىك قويلارنى پۇل خەجلەپمۇ سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. دۇنيادا قوي يۇڭى ئەڭ كۆپ چىقىدىغان چوڭ دۆلەت ئاۋسترالىيەنى ئېلىپ ئېيتساق، بۇ دۆلەت ئەلا سۈپەتلىك قوي يۇڭىنى ئېكسپورت قىلسا قىلىدۇكى، نەسىللىك قويلىرىنى ھەرگىز ئېكسپورت قىلمايدۇ، مانا بۇ بازار رىقابىتى، دېدى.

  ئون نەچچە يىل مابەينىدە، شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي نەسلىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويلىرىنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. 1990 – يىلىنىڭ ئالدى – كەينىدە، مەملىكەت بويىچە ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي 30 مىليون تۇياقتىن ئاشتى، جۈملىدىن شىنجاڭدا ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي 12 مىليون تۇياقتىن ئېشىپ، ھەر يىلى 34 مىڭ توننا قوي يۇڭى ئىشلەپچىقىرىلدى.

  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 –، 90 – يىللىرىدا ئېلىمىزنىڭ يۇڭ توقۇمىچىلىق سانائىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي ماكانى بولغان شىنجاڭ بازار دولقۇنىغا تەبىئىي ماسلاشتى. يۇڭ توقۇمىچىلىق سانائىتى تازا گۈللەنگەن مەزگىللەردە، شىنجاڭنىڭ كۆپلىگەن ناھىيە، شەھەرلىرىدە يۇڭ توقۇمىچىلىق فابرىكىسى قۇرۇلغان، جايلاردا قوي يۇڭىنى تالىشىپ پات – پات ‹‹ قوي يۇڭى جېڭى›› بولاتتى.

  ماناس ناھىيەسىدىكى قوي يۇڭى ۋاسىتىچىسى چېڭ داجۈن مۇنداق دېدى: مەن 1988 – يىلى ماناس ناھىيەلىك چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى سانائىتى باش شىركىتى يۇڭ توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدا ئىشقا چۈشتۈم، ئەينى چاغدا بۇ كارخانىدا 1000دىن كۆپ ئىشچى – خىزمەتچى بار ئىدى. ياخشى كۈنلەر ئۇزاققا بارمىدى، كارخانىمىز تېخنىكا جەھەتتە كۆپ كۈچ سەرپ قىلمىغاچقا ، يۇڭ پىلتىسى ۋە يۇڭ توقۇلمىلىرى يىرىك توقۇلاتتى،كارخانىمىزدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ قوشۇمچە قىممىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولغاچقا، 2000 – يىلىغا كەلگەندە كارخانىمىز ۋەيران بولۇپ كەتتى. ئىش ئورنۇمدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، قوي يۇڭى ۋاسىتىچىسى بولدۇم، چارۋىچىلارنىڭ قولىدىن قوي يۇڭىنى سېتىۋېلىپ، يۇڭ توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن، بۇ ئىشنى تاكى ھازىرغىچە قىلىۋاتىمەن. ئىش باشلىغان دەسلەپكى چاغلاردا، چارۋىچىلاردىن يىغقان قوي يۇڭىنى شىنجاڭ يۇڭ توقۇمىچىلىق فابرىكىسى، شىخەنزە يۇڭ توقۇمىچىلىق فابرىكىسى قاتارلىق ئەينى چاغدىكى داڭلىق كارخانىلارغا سېتىپ بېرەتتىم. بىراق، كېيىنكى كۈنلەردە ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇڭ توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى ساناقلىقلا قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر