باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى 379 تۈرلۈك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە بەردى

2014.02.08 17:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم بەنگۇڭتىڭى بىلەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى 2013 – يىل 7 –ئاينىڭ 8 –كۈنى بىرلىكتە ‹‹379 تۈرلۈك شەھەر دەرىجىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى رايون ۋە ناھىيەلەرگە بېرىش توغرىسىدىكى قارار››نى ئېلان قىلدى، بۇ 379 تۈرلۈك باشقۇرۇش ھوقۇقى ئىقتىسادىي تەرەققىيات، شەھەر قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشى مۇلازىمىتى كاپالىتى، ئىجتىمائىي ئىشلار ۋە سىياسىي قانۇن قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ھازىر 379 تۈرلۈك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە بېرىشنى يۈرۈشتۈرۈش خىزمىتى تاماملاندى. 379 تۈرلۈك باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ تۆۋەنگە بېرىلىشى بىلەن، ئۈرۈمچىدىكى رايون(ناھىيە)لار شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىشلىرىدىكى مەسئۇلىيىتىنى تەدرىجىي ئومۇميۈزلۈك ئۈستىگە ئېلىپ، مۇكەممەل شەھەر بەرپا قىلىشقا زور قەدەم باسىدۇ. بۇ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە قولايلىق يارىتىش، پايدا يەتكۈزۈشتەك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنىڭ ئىپادىسى.

  بۇ 379 تۈرلۈك باشقۇرۇش ھوقۇقى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى(ئاشلىق ئىدارىسى) تۆۋەنگە بەرگەن 35 تۈرلۈك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ 35 تۈرلۈك باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ تۆۋەنگە بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالدىنقى مەزگىلدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى(ئاشلىق ئىدارىسى) ھەر قايسى رايون(ناھىيە)لار بىلەن ھوقۇقنى تۆۋەنگە قانداق بېرىش، بۇ ھوقۇقلارنى قانداق ئۆتكۈزۈۋېلىپ يۈرۈشتۈرۈش، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىش ۋە ئۆتكۈزۈۋېلىش لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىشتات ئىشخانىسى شەھەرلىك مالىيە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، قانۇنچىلىق قاتارلىق تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ ئورگان، خادىم ئىشتاتى، خىراجەت، سىياسەت ۋە قانۇن – نىزاملار ۋە نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ باھالاش جەھەتلەردە يۈرۈشلەشكەن تەدبىرلەرنى تۈزۈپ كاپالەتلەندۈردى ۋە مەدەت بەردى.

  ھەر قايسى رايون(ناھىيە)لارنىڭ چۈشۈرۈپ بېرىلگەن ھوقۇقلارنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈۋېلىشى ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى رايون (ناھىيە)لەردىكى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھەر قايسى رايون (ناھىيە)لار بىلەن قايتا – قايتا كېڭىشىپ بىردەك پىكىرگە كەلگەندىن كېيىن، يەتتە رايون بىر ناھىيەدىكى 1300 دىن ئارتۇق كەسپىي ئورۇننىڭ ئورگان قۇرۇلمىسى ۋە ئاساسلىق مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇردى ھەم خادىملارنىڭ ئىشتاتى ۋە رەھبەرلەرنىڭ سانىنى ئېنىقلىدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىشتات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شېن شۇاڭتيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ چۈشۈرۈپ بېرىلگەن ھوقۇقلارنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈۋېلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئورگان ئىشتات قۇرۇلمىسىنى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلغان ئاساستا، ھەر قايسى رايون (ناھىيە)لەردە سودا ئىدارىسى قۇردۇق ھەم ئۇنىڭ قارىمىقىدا سودا (ئاشلىق) ئىشلىرىنى تەكشۈرۈش چوڭ ئەترىتى قۇردۇق. ھەر قايسى رايون (ناھىيە) ئورگانلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە خادىملار ئىشتاتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھىرى تۆۋەنگە بېرىلگەن 379 تۈرلۈك ھوقۇقنى ماددىلار بويىچە رەتلەپ، بۇ ھوقۇقلارنىڭ فۇنكسىيەسىنى يۈرگۈزۈۋاتقان خادىملار ۋە ئورگانلار بولغان بولسا، ئورگان ۋە ئىشتاتنى كۆپەيتمىدى؛ مۇناسىپ ئورگان كەم بولسا، شۇ ئورگان ۋە ئىشتات كۆپەيتتى؛ ھوقۇق بېرىشكە مۇناسىپ كېلىدىغان، بىراق ئادىمى ئاز ئورگانلارنىڭ ئىشتاتىنى ئازراق كۆپەيتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، ھەر قايسى رايون(ناھىيە)لاردا 31 ئورگان تەسىس قىلىنغان ھەم شەھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي كەسپىي ئورۇن ئومۇمىي ئىشتاتىدىن ھەر قايسى رايون(ناھىيە)لەرگە 187 ئىشتات تەڭشەپ بېرىلگەن. شەھەر دەرىجىلىك تارماق ۋە ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى بېكىتىلىپ، شەھەر دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ ئۈستىگە ئالىدىغان بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇش، يېتەكچىلىك – نازارەتچىلىك قىلىش، مۇلازىمەت كاپالىتى مەسئۇلىيىتى بېكىتىلىپ، ھوقۇق تۆۋەنگە بېرىلگەندىن كېيىنكى شەھەر، رايون(ناھىيە)دىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك ئورۇننىڭ مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان.

  9 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، سايباغ رايونلۇق سودا ئىدارىسى(ئاشلىق ئىدارىسى)نىڭ خىزمەتچىسى ليۇ يەنيەن شەھەرلىك سودا ئىدارىسى(ئاشلىق ئىدارىسى) ئۇيۇشتۇرغان نىشانلىق تەربىيەلەشكە قاتناشتى. ئىككى يېرىم كۈن ۋاقىت ئىچىدە، ليۇ يەنيەن ۋە خىزمەتداشلىرى تۆۋەنگە بېرىلگەن شەھەر دەرىجىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى سىستېمىلىق ئۆگەندى.

  شېن شۇاڭتيەن مۇنداق دېدى: رايون (ناھىيە)لار بېكىتكەنلەرنىڭ ھەر بىر شەھەر دەرىجىلىك تارماقنىڭ كەسپىي جەھەتتە تەربىيەلىنىشىنى قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلدۇق. تەربىيەلەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شەھەر دەرىجىلىك تارماقلار يەنە ئۇلارنى خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغانغا قەدەر چېنىقتۇرىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھىرى مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپلا قالماستىن، ‹‹ھوقۇق تۇتقانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇش، ھوقۇقنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىنى نازارەت قىلىش، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش›› تەلىپىگە ئاساسەن، شەھەر دەرىجىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە بېرىش خىزمىتىنى شەھەرنىڭ خىزمەت نەتىجىسىنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، نومۇر قويۇش ئۇسۇلىنى قوللاندى ھەم شەھەر، رايون(ناھىيە)دىن ئىبارەت ئىككى دەرىجە بويىچە تەكشۈرۈپ باھالاشنى نازارەت قىلىشقا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، شەھەر، رايون(ناھىيە)دىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك ئورۇننىڭ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش خىزمىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، ‹‹رايون(ناھىيە) دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ تۆۋەنگە بېرىلگەن باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمەت نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ باھالاش كۆرسەتكۈچى سىستېمىسى›› ۋە ‹‹شەھەر دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش خىزمەت نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ باھالاش كۆرسەتكۈچى سىستېمىسى›› ئورناتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر