باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۈگۈر ناھىيەسى 2014-يىلدا 18 خىل 82 تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى باشلىدى

2014.02.08 17:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىلھام ياقۇپ خەۋەر قىلىدۇ : بۈگۈر ناھىيەسى بۇ يىلمۇ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئۆزگەتمەسلىك ، قوللاش سالمىقىنى ئازايتماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلىپ ، 18 خىل 82 تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشقا باشلىدى . بۇنىڭ ئىچىدە ، نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى 16 تۈر بولۇپ ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە :

  ‹1› ئەمىن تاپقۇزۇپ بېيىتىش ئۆيىدىن يېڭىدىن 2800 يۈرۈش سېلىش

  ‹2› 348 يۈرۈش ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي سېلىش

  ‹3› كەپە رايوندىكى 200 يۈرۈش ئولتۇراق ئۆينى ئۆزگەرتىش

  ‹4› قىزىل ئېقىن مەنزىرە بەلبىغى 2 - قەرەللىك قۇرۇلۇشى

  ‹5› ناھىيە بازىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش بويىچە ئۆزگەرتىپ-كېڭەيتىپ ياساش 2 - قەرەللىك قۇرۇلۇشى

  ‹6› ناھىيە بازىرىدىكى پاسكىنا سۇ تۇرۇبىسىنى ئۆزگەرتىپ ، كېڭەيتىپ ياساش 2 - قەرەللىك قۇرۇلۇشى

  ‹7› دىنار يولى مەھەللىسى ، غەربىي يۇرت مەھەللىسى ۋە يېڭىدىن كەنت دەرىجىلىك 11 ئىش بېجىرىش ئورنى سېلىش

  ‹8› ناھىيەلىك 3 - ئوتتۇرا مەكتەپنى سېلىپ پۈتتۈرۈش

  ‹9› تارلاق يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ناھىيەدىكى ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇش تۈرىنى يولغا قويۇش

  ‹10› چېدىر ئېقىن ئۇنىۋېرسال تۈزەش تۈرىنى يولغا قويۇش

  ‹11› ئەشمە ئېقىننى ئۇنىۋېرسال تۈزەش تۈرى قۇرۇلۇشى

  ‹12› چومپاق بازىرىدىكى 5000 مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويۇش

  ‹13› تارلاق يېزىسىدىكى 5000 مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى تۈرى

  ‹14› كەنت دەرىجىلىك «بىر ئىشنى بىر مۇھاكىمە قىلىش» پاراۋانلىق ئىشلىرىغا مالىيەدىن مۇكاپات ئارقىلىق كىرىمنى تولۇقلاپ بېرىش مەبلىغى تۈرى

  ‹15› يېزىلاردىكى كۆۋرۈكلەر ، ئەمىن تاپقۇزۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشىدىكى تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرى

  ‹16› تىنچلىق يولى ، بەخت جەنۇبىي يولىنى تۇتاشتۇرۇش ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەش ، پاسكىنا سۇ چىقىرىش قۇرۇلۇش تۈرى ، ئىتتىپاق يولىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تۈرىدىن ئىبارەت .

  بۈگۈر ناھىيە سوخۇ يېزىلق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىدىن ئىلھام ياقۇپ .

  مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر