باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش ئىككىنچى لېنىيەسى تەكشۈرۈلدى

2014.02.07 08:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزنىڭ غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش ئىككىنچى لېنىيەسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئۈچ يىلدىن بۇيان يەتكۈزۈلگەن گاز مىقدارى 70 مىليارد كۇپ مېتىرغا يېتىپ، دۆلەت ئىچى تەبىئي گاز تەمىناتى ۋە ئېنىرگىيە سەرپىياتىدىكى مۇھىم لېنىيەگە ئايلاندى.

  5-فېۋرال شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قورغاس گاز بېسمى بىكىتىدىكى تېخنىك خادىملار پرىسلاش ئۈسكۈنىسىنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالى ۋە تېخنىك رايونى كلاپانىنىڭ مۇز تۇتۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، گاز يەتكۈزۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. قىش كىرگەندىن بۇيان، خىزمەتچىلەر مۇھىم ئۆتكەل ۋە ئاچقۇچلۇق ئەسلىھەلەرنى چارلاپ تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قاتتىق قاردىن بۇرۇن تەڭرى تېغىنىڭ كەڭساي بۆلۈكىدىكى توشۇش ۋە ساقلاش تۇرۇبىلىرىنى تەكشۈرۈپ، تۆۋەن ئېقىمدىكى مىليونلىغان نوپوسنىڭ گاز ئىشلىتىش مەسلىسىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش ئىككىنچى لېنىيەسى قورغاس ئېغىزىدىن باشلىنىپ، جېجاڭ، شاڭخەيگە تۇتۇشىدۇ. گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى قاتارلىق 14 ئۆلكىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىمپورت قىلىنغان گاز مەنبەسى شۇنداقلا تارىم، جۇڭغار قاتارلىق گاز مەنبەلىرىنى شەرقى جۇڭگودىكى گاز ئىشلىتىدىغان بازارلارغا تۇتاشتۇرىدىغان ئاساسلىق ئېنىرگىيە يولى ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر