باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

50-نۆۋەتلىك ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىدا مۇھىم خەلقئارا مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى

2014.02.07 08:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  50-نۆۋەتلىك ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنى 2-فېۋرال ئاياغلاشتى، يىغىن مەزگىلىدە، 400دىن ئارتۇق يىغىنغا قاتناشقۇچى پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە مەسىلىسى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى، سۈرىيە توقۇنۇشتى، ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى، ياۋروپانىڭ مۇداپىئە ئىشلىرى، تور بىخەتەرلىكى قاتارلىق دۇنيادىكى بىر قاتار بىخەتەرلىك مۇھىم مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

  تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندىن قارىغاندا، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەندە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەمكارلىشىپ، كۆپ تەرەپتىن قاتنىشىپ، مەسىلىلەرنى تىنچ ۋە سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ھەر قايسى تەرەپنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلانغان.

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى كونا ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ئىسرائىلىيە مەسىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ئەگەر رامكا ۋاقىت ئىچىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىسا، ئىسرائىلىيە ئەزەلدىن دۇچ كېلىپ باقمىغان ئىقتىساد ۋە دىپلوماتىيە بېسىمىغا دۇچ كېلىدۇ. يىغىنغا قاتناشقان ئىسرائىلىيە ئەمەلدارى بولسا، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئەگەر كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىسا، ئىسرائىلىيە بۇنىڭغىمۇ تاقابىل تۇرالايدۇ، دېدى. ھەمدە كېررىنىڭ بۇ سۆزلىرى ئىسرائىلىيەگە بولغان تەھىدىت، پەلەستىننى تىنچلىق سۆھبىتىدە تېخىمۇ قاتتىق قىلىۋېتىدۇ، دەپ ھېسابلىدى.

  ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى باش تېمىلىق مۇھاكىمە يىغىنىدا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى. ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زارىف يىغىندا، ئىران 18-فېۋرال ئاۋىسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېنادا ئۆتكۈزۈلىدىغان كېلەركى نۆۋەتلىك ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى سۆھبىتىگە قاتنىشىدۇ، ھەمدە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئالتە دۆلەت بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، لېكىن ئىران بارلىق يادرو پىلانىدىن ۋاز كەچمەيدۇ، دېدى. ئامېرىكىنىڭ كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى مورفى بولسا، غەرب ئەللىرى ئىرانغا يۈرگۈزگەن جازاسىنى تولۇق بېكار قىلمىدى، ئەگەر سۆھبەت مەغلۇب بولسا، مېنىڭچە كۆپ ئۆتمەيلا يېڭى جازا يۈرگۈزىدۇ، دېدى.

  ئىككى تەرەپنىڭ ئىختىلاپلىرى ئېغىر بولغاچقا، سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەر شىۋېتسارىيەنىڭ پايتەختى جەنۋەدە ئۆتكۈزگەن تۇنجى نۆۋەتلىك سۆھبىتىدە ماھىيەتلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشەلمىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيە كىرىزىسى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى ئىبراھىم سۈرىيە ۋەزىيىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەرنى 10-فېۋرال قايتا ئىجابىي سۆھبەت ئۆكتۈزۈشكە ماقۇل كەلتۈرۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇكرائىنانىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا يىغىنغا قاتناشقان ئۇكرائىنانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى كازارا، ئۇكرائىنا ئۆكتىچىلىرىنىڭ ۋەكىلى شۇنداقلا ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە رۇسىيەنىڭ ئەمەلدارلىرى بىر-بىرىنى ئەيىبلىدى، بۇ ھەر قايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنىڭ يەنىلا ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

  نۇرغۇن مۇھىم رايون مەسىلىلىرىدىن سىرت، ئىنتىر تورى دەۋرىدىكى تور بىخەتەرلىكى تەھدىتىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋەكىللىرىنىڭ مۇزاكىرەلىشىدىغان يېڭى قارالمىسىغا ئايلاندى.

  ئېستونىيە پىرېزىدېنتى ئېرۋىس مۇنداق دېدى: كىشىلەرنىڭ تور بىخەتەرلىكى تەھدىتىگە بولغان تونۇشى تېخى كامچىل بولۇشى مۇمكىن. تور تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ھەر قايسى دۆلەتلەر ئاجىزلىشىپ كەتتى، بۈگۈنكى كۈندە بىر دۆلەتنى پالەچ قىلىپ قويۇش ئۈچۈن قورال كۈچى ئىشلەتمەيمۇ تور ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى توماس دېمەيزىئېر 3-تەرەپتىن تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى يۈرگۈزۈش تەكلىپىنى بەردى يەنى تور بىخەتەرلىكى توغرىسىدا قانۇن ۋە بەلگىلىمە تۈزۈش، تور بىخەتەرلىكى تېخىنىكىسىنى ئىگەللەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، شىركەت ۋە شەخسلەر تور بىخەتەرلىكى مەسىلىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىشى قاتارلىقلار.

  ئەنئەنىۋى بىخەتەرلىكتىن باشقا بىخەتەرلىك خىرىسلىرى جەھەتتە گېرمانىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى سىمست مۇنداق دېدى: دۇنيا نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى ۋە شەھەرلىشىش مۇساپىسىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلىشى بىر قاتار ئىجتىمائىي ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى تۇغدۇرىدۇ، بۇ بەلكىم كەلگۈسىدە ئىنسانلار دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ خىرىس بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

  ئامىكىرىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى يىغىندا نۇتۇق سۆزلىگەندە، ھازىرقى دۇنيادىكى بۇ خىرىسلارنى ھەر قانداق بىر دۆلەت ئۆزى يالغۇز ھەل قىلالمايدۇ، دېدى.

  تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، سۈرىيە مەسىلىسى ۋە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى قوشنا دۆلەت ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلغاچقا، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆپ تەرەپنىڭ قاتنىششى زۆرۈر ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر