باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا شەھەر، يېزا ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى مۇكەممەللەشمەكتە

2014.02.07 08:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

2014-يىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شەھەر-يېزا ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى تىز سۈرئەتتە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا تۈزۈمىنى تەرتىپكە سېلىپ، شەھەر-يېزا بىر تۇتاش پىلانلانغان ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى سىستىمىسىنى تىز سۈرئەتتە بەرپا قىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شەھەر-يېزا ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى تىز سۈرئەتتە مۇكەممەللەشتۈرۈش جەريانىدا، دېھقان ئىشلەمچىلەر، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان تەشكىلاتلاردا خىزمەت قىلىۋاتقانلار، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار شۇنداقلا يېرى ئېلىنغان دېھقانلار قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان توپتىكىلەرنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. كۈتۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشالماسلىق، سۇغۇرتىلاش ئۈزۈلۈپ قېلىش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ھەق تۆلەش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇمىيۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باشقا يۇرتلاردا داۋالىنىش ھەققىنى راسچوت قىلىش چارىسى ۋە ئاھالىلەرنىڭ ئېغىر كېسەللىرىنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. شەھەر-بازار ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى كېسەل كۆرۈش جەريانىدا بىر تۇتاش پىلانلاپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ داۋالىنىش راسخوتى سېلىقىنى يىنىكلىتىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭ يوڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل شەھەر-يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى ئوتتۇرغا قويۇش ئاساسىدا، نەچچە نۇقتىلىق كىشلەرگە قارىتىلغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىشلىرى تېخىمۇ كۈچەيتىلىدۇ، دېھقان ئىشلەمچىلىرىمىزنىڭ يۆتكىلىپ باشقا يۇرتلاردا سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش مەسىلىسى ھەققىدە بىز بۇ يىل دېھقان ئىشلەمچىلەرگە قارىتىلغان تۈزۈم تەتقىقاتىنى كۈچەيتىمىز، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى شەھەر ئاھاللىرىغا ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت بۇ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى سىستىما قۇرۇلۇشى تىز ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىل كارخانىلاردىن پىنسىيىگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى داۋاملىق ئۆستۈرىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ تۈزۈم ئاساسىدا كونكىرىت لايىھە تۈزىۋاتىدۇ. بۇ 2005-يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇدا ئون يىل كارخانىلاردىن پېنسىيىسگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشىشى ھېسابلىنىدۇ، دۆلەتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ ئۆستۈرگەن كۈتۈنۈش پۇلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر