باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 22-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن سوچىغا يۈرۈپ كەتتى

2014.02.07 08:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسى پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىگە 22-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن 6-فېۋرال مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن يۈرۈپ كەتتى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى جەنشۇ، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جېچىلار رەئىس شى جىنپىڭغا ھەمرا بولۇپ ماڭدى.

  بۇ جۇڭگو ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم چەتئەللەردە ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ تىپتىكى تەنھەرىكەت مۇسابىقسىگە قاتنىشىشى ھېسابلىنىدۇ. سوچىدىكى مەزگىلدە، رەئىس شى جىنپىڭ سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە كوللىكتىپ قارشى ئېلىش زىياپىتى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ، ھەمدە جۇڭگو ئولىمپىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋەكىللىرىنى يوقلايدۇ.

  ئىگىلىنىشچە، جۇڭگو بۇ نۆۋەتلىك سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە 139 تەنھەرىكەتچىدىن تەشكىللەنگەن تەنھەرىكەت ئۆمىكى ئەۋەتكەن، ئۇلار كانكى تېيىلىش، قار تېيىلىش، مۇز چەينەك قاتارلىق تۈرلەرگە قاتنىشىدۇ. ئېلىمىز ماھىرلىرىنىڭ قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش، ئەركىن قار تېيىلىشتىكى ۋاھا ماھارىتى، تېز كانكى تېيىلىش، فىگۇرا چىقىرىپ كانكى تېيىلىش، يەككە قار تاختىسىدا قار تېيىلىش قاتارلىق ماھارەت كۆرسىتىش تۈرلىرىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىدىن ئۈمىد بار. جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى 2010-يىلدىكى ۋانكۇۋېر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 5 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 4 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر