باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىللىق چاغاندا ئاساسىي قاتلامدىكى ئۆزگىرىشلەرگە نەزەر

2014.02.07 08:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاغاندا يۇرتقا ئېلىپ بارىدىغان بىر تال پويىز بېلىتى-سىرتتىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە قايتىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە يۇرتلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى بىرمۇ-بىر يېڭى ھېكايىلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى كۆزىتىدىغان ئالاھىدە كۆزنەككە ئايلاندى. بۇ يىل-ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باشلانغان يىل، مۇخبىرلار چاغان مەزگىلىدە ۋەتەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشلىرىنى خاتىرىلىدى.

  غەربىي شىمالدىكى مۇھىم شەھەر لەنجۇ بىر مەھەل «بۇلغانغان شەھەر» دەپ ئاتالغان ئىدى، 20 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ھەر يىلى قىشتا شەھەر ئاسمىنىنى قارا تۈتەكلەر قاپلاپ كېتەتتى. ھالبۇكى، بۇ يىل چاغاندا سىرتتىن ئۆيىگە قايتقان پۇجى كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشنى ھېس قىلدى. لەنجۇ بۇلغانغان شەھەر دېگەن قالپاقنى قانداق چۆرۈپ تاشلىدى؟ لەنجۇ سانائەتتە بۇلغىمىنى ئازايتىش، كۆمۈرنى ئاز كۆيدۈرۈش، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىغا چەكلىمە قويۇش، چاڭ-توزاننى تىزگىنلەش قاتارلىق بىر يۈرۈش قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللاندى. لەنجۇ شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىدە 30 يىل ئىشلىگەن ليۇ جېڭجۇ بۇنداق قاتتىق تەدبىرلەر ھۆكۈمەتنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشنى تۈزەشتىكى ئىرادىسىنى نامايان قىلدى دېدى.

  چاغان مەزگىلىدە، مۇخبىر 600 يىلدىن ئارتۇق تال چىۋىق توقۇش تارىخىغا ئىگە شەندۇڭ ئۆلكىسى بوشىڭ ناھىيەسى ۋەنتۇ كەنتىگە باردى. بۇ يەر بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن مەملىكەتكە داڭلىق كەنتكە ئايلاندى، 2013-يىلى پۈتۈن كەنتتە 500 نەچچە تورلاشقان دۇكان ئېچىلدى، 2500 تىن ئارتۇق ئادەم تال چىۋىق توقۇش بىلەن شۇغۇللىنىپ، پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ %50 نى ئىگىلىدى.

  ۋەنتۇ كەنتى ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى ئەن جياڭمىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر پۈتۈن كەنتىمىزدىكى دۇكانلارنىڭ سېتىش كىرىمى يۈز مىليون يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، 2012-يىلىدىكىدىن 20 نەچچە مىليون يۈەن ئاشتى. تور دۇكانلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ كىشى بېشى كىرىمى %20 گە يېقىن ئاشتى.

  پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا، ئادەمنى يادرو قىلغان شەھەر-بازارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەكىتلەندى. بۇ يىل چاغاندا سىچۈەن ئۆلكىسى گۇاڭئەن شەھىرى لىنشۈي ناھىيەسى بائېر بازىرى شىنيىسى يېڭى كەنتىدىكى گەن خۇاگونىڭ ئۆيدىكىلىرى يېڭىلا بېزىگەن ئۆيىدە چاغان ئۆتكۈزدى. بۇلتۇرنىڭ بېشىدا، بائېر بازىرى شىنيىسى يېڭى كەنتى قۇرۇلۇشقا باشلانغان ئىدى. بازارلىق ھۆكۈمەت بۇلغىما چىقىرىش، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ۋە تۈرلۈك يۈرۈشلۈك ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۈستىگە ئېلىپ، سۇ، توك، گاز، يول، كەڭ بەلباغ تورى بىر گەۋدىلەشكەن ئۆلچەمنى يولغا قويدى. چاغاندىن بۇرۇن، 55 ئائىلە يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى.

  مۇخبىر خېنەن ئۆلكىسىنىڭ مىنچۈەن ناھىيەسىدە بۇلتۇر چىڭداۋدىن يۇرتىغا قايتىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان لى باۋپىڭنى كۆردى. مىنچۈەن ناھىيەسى توڭلىتىش ئالاھىدە كەسىپ توپىنى پائال يېتىشتۈرۈۋاتقانلىقتىن، لى باۋپىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يۇرتىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتى. مىنچۈەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ جوڭتيەن مۇنداق دېدى: ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك ناھىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھەم ئاشلىق بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشىمىز ھەم سانائەتلىشىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تەڭ قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك، بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ناھىيەمىزنىڭ ئىزدىنىشى ئەمدىلا باشلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر