باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2013-يىلى شىنجاڭنىڭ ئوتلاق مەھسۇلات مىقدارى 102 مىليون 570 مىڭ توننىغا يەتتى

2014.02.10 15:38         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 7-فېۋرال شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە ، ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتى ‹‹2013-يىللىق شىنجاڭنىڭ ئوتلاق بايلىقى ۋە ئېكولوگىيەلىك ئۆلچەپ تەكشۈرۈش دوكلاتى ››نى ئېلان قىلغان . ئۆلچەپ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، 2013-يىلى شىنجاڭنىڭ تەبىئىي ئوتلاقلىرىدىكى يېڭى ئوت-چۆپلەرنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 102 مىليون 570 مىڭ توننىغا يېتىپ ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن % 6.9 ئاشقان .

  پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تەبىئىي ئوتلاق بىرىكمە ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى 40 پىرسەنتكە يېتىپ ، 2012-يىلىدىكىدىن % 4 پوئېنت ئاشقان ، ئاساسلىق چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى تەبىئىي ئوتلاقلاردىكى چارۋىلارنىڭ ئېشىش نىسبىتى % 19 بولۇپ ، 2012-يىلىدىكىدىن % 5 پوئىنت ، 2010-يىلىدىكىدىن % 14 پوئىنت تۆۋەنلىگەن .

  2013-يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداشقا تولۇقلىما بېرىش ، مۇكاپاتلاش مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان ھالقىلىق بىر يىل بولۇپ ، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى روشەن ھالدا تېزلەشكەن ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئوتالاق ئېكولوگىيەسىنىڭ داۋاملىق يامانلىشىش ۋەزىيىتى دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنگەن . ئۆلچەپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئايان بولۇشىچە ، چارۋا بېقىش چەكلەنگەن رايونلاردىكى ئوت-چۆپ مەھسۇلات مىقدارى 2010-يىلىدىكىدىن % 44 ئاشقان بولۇپ ، ئۆسۈملۈك تۈرلىرى كۈنسايىن كۆپەيگەن . ئوتلاق-چارۋا تەڭپۇڭ رايونىدىكى ئوت-چۆپ مەھسۇلات مىقدارى 2010-يىلىدىكىدىن % 14 ئېشىپ ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئىلمان پەسىللەردىكى ئوتلىتىش مەيدانلىرىدا ئوتلاق-چارۋا ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولغان .پۈتۈن شىنجاڭدىكى سۈنئىي يېتىشتۈرۈلگەن ئوت-چۆپ كۆلىمى 10 مىليون 210 مىڭ موغا يەتكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر