باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ بىر تۈركۈم مۇھىم تېخنىكىلىرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى

2014.02.07 08:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئاكادېمىيە بۇلتۇر پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، خەلقئارادا مۇھىم تەسىرگە ئىگە بىر تۈركۈم پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرگەن.

  ئالىملار ئاساسلىق ئالدىنقى قاتاردىكى تەتقىقات ساھەسىدە، كىۋانتنىڭ نورمالسىز ھال ئېففېكتىنى تۇنجى قېتىم سىناق قىلىپ ئۆلچىدى، بۇ-فىزىكا ساھەسىدىكى بىر دۇنياۋى مۇھىم ئىلمىي بايقاش بولدى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەتنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاش جەھەتتە، ئاي پەرىسى 3-نومۇر ۋەزىپىسىنىڭ يەر يۈزىدە قوللىنىش سىستېمىسى، ئۈنۈملۈك كۆتۈرۈش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىش قۇرۇلۇشى ھەم ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ، ئاي پەرىسى 3-نومۇرنىڭ تۇنجى قېتىم ئاي شارىنىڭ سىرتقى يۈزىنى ئادەمسىز تەكشۈرۈش، ئۆلچەش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىدى؛ ساماۋى ئوردا 1-نومۇر بىلەن خاسىيەتلىك كېمە 10-نومۇرنى جىپسىلاشتۇرۇشتا، بوشلۇق قوللىنىشچان سىستېمىسى پەن تەتقىقات ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، تېلېكرامېر، لازېرلىق رادار ئىستانسىسى، بۆلمە چىرىغى قاتارلىقلارنى قول بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش جەريانىدا مۇھىم رول ئوينىدى؛ پەن تەتقىقاتچىلار ئون نەچچە يىل تېرىشىش ئارقىلىق، چوڭقۇر ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ مۇقىم لازېر نۇرى يۈرۈشلۈك سىستېمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساپ، ئېلىمىزنى دۇنيادىكى ئەمەلىي، نازۇك ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ مۇقىم لازېر نۇر ئۈسكۈنىسىنى ياساش ئىقتىدارىغا ئىگە بىردىنبىر دۆلەتكە ئايلاندۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر